جىڭگاڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
جىڭگاڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭشى ئۆلكىسى جىڭگاڭشەن ناھىيىسىدە، جىڭگاڭشەن تېغى نەنلىڭ تېغىنىڭ شىمالىي تارمىقىغا، لوشياۋشەن تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە تەۋە. ئۇ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى يېزا تايانچ بازىسى. ماۋ زېدۇڭ، جۇ دې، پېڭ دېخۇەي، چېن يى قاتارلىق پرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ۋە ئىشچى - دېھقان قىزىل ئارمىيىسى ئىنقىلابىي كۈرەش ئېلىپ بارغان نۇرغۇن خاتىرە جايلار بار. قەھرىمانلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن ھەيۋەتلىك تاغ - دەريالار ئۆزئارا ھۆسن قوشۇپ، مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. جۇ دې «جاھاندىكى تۇنجى تاغ» دەپ بېغىشلىما يازغان. جىڭگاڭشەن تېغى ھاك تېشى، قۇم سلانېتسنى ئاساس قىلغان بولۇپ، گرانىت تاشلارمۇ ئانچە - مۇنچە كۆرۈنۈپ قالىدۇ. تاغ ئېگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر، دەل - دەرەخلىرى بۈك - باراقسان، بۇلاقلىرى ۋە شارقىراتمىلىرى كۆپ، سۈزۈك سۇلىرى يىل بويى ئۈزۈلمەيدۇ، بۇ يەردە يەنە چوڭ تىپتىكى غارلار، نۇرغۇن ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر بار.