UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارلىنتۇڭدىكى لىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

لىنتۇڭدىكى لىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار لىنتۇڭدىكى لىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − شەنشى ئۆلكىسىنىڭ لىنتۇڭ ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدە، قەدىمىي شەھەر شىئەنگە، شەنياڭغا يېقىن بولۇپ، مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەرنىڭ كۆپلۈكى بىلەن داڭلىق. ياپيېشىل ئورمانلىق بىلەن ئورالغان لىشەن تېغىنىڭ «گۈزەل چوققا» دېگەن نامى بار بولۇپ، يىراقتىن قارىسا بىر توم قارا تۇلپارغىلا ئوخشايدۇ. ئەڭ ئېگىز چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن914 مېتىر ئېگىز. جۇ، چىن، خەن، سۇي، تاڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرىنىڭ ھەممىسى لىشەندە قەسىر بىنا قىلىپ، ئارىشاڭدا يۇيۇنغان، خۇاچىڭ كۆلچىكى قاتارلىق مەشھۇر جايلار بار. لىشەن تېغىنىڭ شەرقىدە چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىسى بىلەن ئەسكەر - ئات ھەيكەللىرى ئازگىلى بار،1 - نومۇرلۇق ئازگال كۆلىمى زور بولغان ئەسكەر - ئات ھەيكەللىرى مۇزېيى قىلىندى. ئەسكەر - ئات ھەيكەللىرى نەپىس، جانلىق ياسالغان بولۇپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت - سەنئەت بۇيۇملىرىدۇر. لىشەن تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدا5000 يىللار ئىلگىرىكى جياڭجەي ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىكى كەنت خارابىسى، شەرقىي شىمالىدا يەنە «خۇڭمېن زىياپىتى» ئۆتكۈزۈلگەن ئورۇننىڭ خارابىسى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار