شۇگاڭ شۇشىخۇ كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
شۇگاڭ شۇشىخۇ كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجۇ شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدا، قەدىمكى شەھەر خارابىسى، شۇگاڭ مەشھۇر يادىكارلىقلىرى، شۇشىخۇ كۆلىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە قەدىمىي باغ - ئورمانلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆلىمى35 .6 كۋادرات كىلومېتىر. قەدىمىي شەھەر خارابىسى مەنزىرىلىك رايوننىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرىدىكى ۋۇ پادىشاھى فۇچەي بىنا قىلدۇرغان خەنچېڭ شەھىرى، خەن ۋۇۋاڭ سالدۇرغان گۇاڭلىڭ شەھىرى، ئون چاقىرىملىق كوچىسى بار تاڭ شەھىرى ھەمدە كېيىنكى جۇ سۇلالىسىنىڭ جۇ شەھەرچىسى، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ باۋيۇ شەھىرى خارابىلىرى بار، شەھەر رايونى خارابىلىرى بىرقەدەر ياخشى ساقلىنىپ قالغان. شۇگاڭدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى راھىب جيەن جېن ياپونىيىگە بېرىشتىن ئىلگىرى رىياسەتچىلىك قىلغان دامىڭ ئىبادەتخانىسى، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوۋياڭ شيۇ بىنا قىلغان پىڭشەنتاڭ ۋە سۇ شى بىنا قىلغان گۇلىنتاڭ قاتارلىق قەدىمىي باغ - ئورمان ۋە قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، يەنە1973 - يىلى يېڭىدىن سېلىنغان جيەن جېن خاتىرە سارىيى بار. شۇشىخۇ مەنزىرىلىك رايونىدا كۆل يۈزىنىڭ كۆلىمى7 .9 گېكتار، كۆل رايونى كۆۋرۈك، ئارال، تۇغان، قىرغاقنىڭ ئايرىلىشىدىن پايدىلىنىپ، تار، ئۇزۇنچاق كۆلدە قاتلاملىرى ئېنىق، ئەگرى - توقاي، ئۆزگىرىشچان تاغ، سۇ ۋە باغ مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن.