UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارچىڭداۋ لاۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

چىڭداۋ لاۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار چىڭداۋ لاۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە، چىڭداۋ دېڭىز ساھىلى بىلەن لاۋشەن تېغىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. چىڭداۋ ساھىلى ئەگرى - توقاي بولۇپ، تاغ - چوققىلار قەد كۆتۈرگەن، باغچە، يۇيۇنۇش مەيدانى، ئىبادەتخانا قاتارلىقلار ئورۇنلاشقان، دېڭىز بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان شۆجياداۋ ئارىلى، جۇچاداۋ ئارىلى، لاڭياتەي قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلار بار. لاۋشەن تېغى جۇڭگودىكى دېڭىزغا يېقىن مەشھۇر تاغ، دېڭىز بىلەن تاغ تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئاساسىي چوققىسى لاۋدىڭ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1133 مېتىر ئېگىز، تاغنىڭ چوققا ۋە تاشلىرى ئۆزگىچە، بۇلاق سۇلىرى سۈزۈك، دېڭىزنىڭ مەنزىرىسىنى، قۇياشنىڭ چىقىشىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. يەنە تويىن قەسرى، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ نەزملىرى ئويۇلغان تاش قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار كۆپ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
چىڭداۋ لاۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki