UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارخاڭجۇ شەھىرىدىكى داڭلىق شىخۇ كۆلى مەنزىرىلىك رايونى

خاڭجۇ شەھىرىدىكى داڭلىق شىخۇ كۆلى مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار خاڭجۇ شەھىرىدىكى داڭلىق شىخۇ كۆلى مەنزىرىلىك رايونى − جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىدە. شىخۇ كۆلىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا »شىخۇ كۆلىنىڭ10 مەنزىرىسى« بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دەۋرلەردىن بۇيان كۆركەملەشتۈرۈش ئارقىلىق دەريا - كۆل، تاغ - ئورمانلىق، ئېرىق - بۇلاقلار، باھار گۈللىرى - كۈز مېۋىلىرى، ياز نېلۇپەرلىرى ۋە قىشنىڭ قارى قاتارلىق تەبىئىي كۆرۈنۈشلەر ئىبادەتخانا، چاتقانلىق ۋە بىنا قىلىنغان باغۋارنلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، خۇددى سۇ دۇڭپۇنىڭ شېئىرلىرىدىكىدەك: «ئاسمان سۈزۈك، سۇ سۈزۈك، تاغلار گۈزەل، ياغسا يامغۇر تاغلىرى كېتەرئۇزلىشىپ. تەڭداشتۇر سەتەڭ شىزى رۇخسارىغا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزلۇقتا تۇرار بەسلىشىپ» دېگەن ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. خاڭجۇ ۋۇ، يۆ بەگلىكىنىڭ قەدىمىي پايتەختى، شۇنداقلا يىپەك يۇرتى، بېلىق، گۈرۈچ ماكانى، ئۇ يەردىن داڭلىق كىشىلەر كۆپ چىققان، تىللاردا داستان قىلغۇدەك تارىخىي ۋەقەلەر ۋە ئېسىل شېئىرلار كۆپلەپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، شىزىخۇ كۆلى بويىدىكى زور مىقداردىكى مەشھۇر يادىكارلىقلار بىلەن بىر - بىرىنى دەلىللەپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار