UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلاربادابۇ − جىڭيۆتەن (تىمتاس كۆل) داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

بادابۇ − جىڭيۆتەن (تىمتاس كۆل) داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار «بادابۇ» − جىڭيۆتەن (تىمتاس كۆل) داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۇن شەھىرىنىڭ ئىچىدە، قورچاق مانجۇرىيە ئىمپېرىيىسى قورچاق پادىشاھىنىڭ ئوردىسى، قورچاق گوۋۇيۇەن ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى «سەككىز چوڭ مىنىستىرلىك» جايلاشقان تارىخىي ئىمارەتلەر ۋە تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك جىڭيۆتەن كۆلىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان، كۆلىمى151 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ يەرمۇ بىر خىل تارىخىي خاتىرە جاي بولۇپ، ئەمەلىي بۇيۇملار ئارقىلىق كىشىلەرنى جۇڭگونىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئاپەتلىك تارىخىنى چۈشىنىش، شۇ ئارقىلىق تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. جىڭيۆتەن كۆلى شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شىمال تەرىپىدىكى تاغ، جەنۇب تەرىپىدىكى ئورمانلىق، كۆل سۈيى ۋە شەرق تەرىپىدىكى كەنت - مەھەللىلەردىن ئىبارەت تۆت مەنزىرىلىك جايغا بۆلۈنگەن بولۇپ، سۇ مەنزىرىسىنى ئاساس، تاغلىق كەنت مەنزىرىسىنى قوشۇمچە قىلغان؛ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر مول، چوڭ ئورمانلىق، تاغ گۈللىرى، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر ھەمدە82 خىل ئومۇرتقىلىق ھايۋان،60 خىلدىن ئارتۇق قۇش بار. تاغلىق كەنتنىڭ ئىككى يېرىدە جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەبرىلەر بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
بادابۇ − جىڭيۆتەن (تىمتاس كۆل) داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki