UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارۋۇيىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

ۋۇيىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار ۋۇيىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − فۇجيەن ئۆلكىسى چۇڭئەن ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، «دەنشيا يەر شەكلى» نى ئالاھىدىلىك قىلغان مەنزىرىلىك جاي. «توققۇز ئېرىق شىلدىرلاپ تۇرار،36 چوققا مەغرۇر بوي سوزار» دېگەندەك، تاغ ئارىسىدىكى جيۇچۈي ئۆستىڭىنى مەركەز قىلىپ، ئېرىق ۋە ئورمانلارنى بويلىغان36 چوققىنى يېشىللىق قاپلىغان بولۇپ، خەتەرلىك ھەم كۆركەم. جيۇچۈي ئۆستىڭىنىڭ ھەربىر ئەگمىسى ئۆزىگە خاس مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. داۋاڭفېڭ چوققىسى، يۈينۈيفېڭ چوققىسى، تيەنيۇ چوققىسى، جيېسۇنفېڭ چوققىسى، كىچىك شاپتۇللۇق، شارقىراتمىلىق غار، ليۇشياڭ تاغ ئۆستىڭى، يىشيەنتيەن قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. يەنە قەدىمكى يۆ مىللىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىك قىيادىكى «جەسەت ساندۇقلىرى»، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇ شى قۇرغان زىياڭ بىلىم يۇرتى، يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چايخانا ھەمدە قىيا تاش ئويمىلىرى قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
ۋۇيىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki