جيۇخۇاشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
جيۇخۇاشەن تېغى مەنزىرىلىك رايونى − ئەنخۇي ئۆلكىسى چىڭياڭ ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، گرانىت تاشلىق ئېگىز تاغ داڭلىق مەنزىرىلىك رايونىدۇر. تاغ ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك، ئاساسىي چوققا − شىۋاڭفېڭ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1341 مېتىر ئېگىز. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەدىب ۋاڭ ئەنشى «چۇ، يۆ دۆلەتلىرىدىكى تۈمەنمىڭ تاغنىڭ ھەممە ئالاھىدىلىكى مۇشۇ تاغقا مۇجەسسەملەنگەن» دەپ تەرىپلىگەن. جيۇخۇاشەن تېغى جۇڭگودىكى تۆت چوڭ بۇددا دىنى داڭلىق تېغىنىڭ بىرى. شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇددا ئىبادەتخانىلىرى كەينى - كەينىدىن بىنا قىلىنغان. قۇرۇلۇش شەكلىدە بۇددا دىنى سارىيى بىلەن جەنۇبىي ئەنخۇي تۇرالغۇ شەكلى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب شەكىللەندۈرۈلگەن. بولۇپمۇ جيۇخۇا كوچىسىدىكى ئىبادەتخانا، بۇتخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى، ئېگىز - پەسلىكى خۇاچىڭ ئىبادەتخانىسىنى مەركەز قىلغان كۆركەم قەدىمىي قۇرۇلۇش توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، «ئىلاھىي بۇددا شەھىرى» دەپ نام ئالغان. جيۇخۇاشەن تېغىدىكى قارىغاي، بامبۇك، ئۆڭكۈر، غەلىتە تاش، شارقىراتما، ئېرىق، ئېتىز، تاغلىق كەنتلەرمۇ ئالاھىدە جەلپكار.