ئەنشەن تېغى چيەنشەن (مىڭ تاغ) داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
ئەنشە تېغى چيەنشەن (مىڭ تاغ) داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا. قاتمۇقات تاغلار، داۋان ۋە قىيالار شۇنچە ھەيۋەتلىك، ئەڭ ئېگىز چوققىسى بولغان «ئەۋلىيا سۇپىسى» دېڭىز يۈزىدىن708 مېتىر ئېگىز. تاغ ئۈستىدە دەل - دەرەخلەر قويۇق ئۆسكەن،800 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك ۋە قارا تۇرنا قاتارلىق100 خىلدىن ئارتۇق قىممەتلىك قۇش ۋە ھايۋانلار بار. سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىن تارتىپ چيەنشەن تېغى بۇددا دىنى ۋە تويىن دىنىنىڭ پائالىيەت ئورنى بولۇپ كەلگەن، ھازىر زۇيۆ، لۇڭچۇەن، جۇڭخۇي، دائەن، شياڭيەن قاتارلىق20 ساڭرام - ئىبادەتخانا بار، قەدىمىي مۇنار، تاش ئابىدە، ئويما بېغىشلىما قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار كۆپ. «شەرقىي شىمالدىكى مەرۋايىت» دېگەن نامى بار.