جىڭبو كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
جىڭبو كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى نىڭئەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا. جىڭبو كۆلى مۇدەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى يانار تاغنىڭ تاغ جىنسلىرىنى ئېرىتىشى بىلەن شەكىللەنگەن توسمىدىن ھاسىل بولغان كۆل. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، سۈيى ئەينەكتەك سۈزۈك، كۆل قىرغىقى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، دياۋشۇيلۇ شارقىراتمىسى، ئاق قورام تاش، چوڭ يېگانە تاغ، كىچىك يېگانە تاغ، مەرۋايىت دەرۋازا قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلار بار. كۆلنىڭ غەربىدىكى تاغ - چوققىلار باراقسان دەل - دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بۇ يەردە نۇرغۇن قىممەتلىك ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يەنە ھەيۋەتلىك يانار تاغ ئېغىزىدىن10 نى ۋە تاغ جىنسلىرىنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان نۇرغۇن ئۆڭكۈرلەر بار.