UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارشىڭچېڭ دېڭىز ساھىلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

شىڭچېڭ دېڭىز ساھىلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار شىڭچېڭ دېڭىز ساھىلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىڭچېڭ شەھىرىدە بولۇپ، تاغنى يۆلەك قىلىپ، دېڭىزغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ، كۆلىمى42 كۋادرات كىلومېتىر. مەنزىرىلىك رايون تاغ، دېڭىز، قەدىمىي شەھەر، ئارىشاڭلار، بەش مەنزىرىلىك رايون،50 نەچچە مەنزىرە نۇقتىسىغا بۆلۈنىدۇ. ئەتراپى سېپىل ۋە خەندەكلەر بىلەن قورشالغان قەدىمىي شەھەر ئېلىمىزدە مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان تۆت قەدىمىي شەھەرنىڭ بىرى؛ ئارىشاڭنىڭ زاپاس مىقدارى مول، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ؛ دېڭىز ساھىلىدىكى سۇغا چۆمۈلۈش مەيدانى14 كىلومېتىرغا سوزۇلغان، قۇمى يۇمشاق، دېڭىز سۈيى سۈزۈك، يېنىك دولقۇنلىنىپ تۇرىدۇ، شىپاڭ - راۋاقلىرى دەل - دەرەخلەر بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ؛ تۈز يەردە قەد كۆتۈرگەن شۇشەن تېغى دېڭىز يۈزىدىن300 نەچچە مېتىر ئېگىز بولۇپ، دەل - دەرەخلەرگە پۈركەلگەن؛ بۇ يەردە يەنە قەدىمكى تۇرا ۋە چاۋياڭ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. جۇيخۇاداۋ ئارىلىنىڭ تاغۇتاشلىرى گۈزەل، قەدىمىي دەرەخلەر ئاسمان - پەلەككە تاقاشقان، جەنۇب تەرىپىدە چاڭشەنداۋ ئارىلى ۋە يەنشەنداۋ ئارىلى، شىمالىدا موپەنشەن تېغى بار بولۇپ، بىر چوڭ، ئۈچ كىچىك تاغ ۋە ئارال بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ. ئاراللاردا يەنە لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دالۇڭگۇڭ ئىبادەتخانىسى، دابېيگې راۋىقى، سەككىز بۇرجەكلىك ليۇلىجىن قۇدۇقى، تاڭۋېيدۇڭ ئۆڭكۈرى قاتارلىق يادىكارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار