سۇڭخۇا كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
سۇڭخۇا كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جىلىن شەھىرىدە، مەنزىرىلىك رايون10 مەنزىرىلىك بۆلەككە بۆلۈنىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن700 كۋادرات كىلومېتىر. كۆل رايونىدا سۇ يۈزى كەڭ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بولۇق ئۆسكەن، دەل - دەرەخلەر كۆپ، ھاۋاسى يېقىشلىق. لوتوفېڭ (تۆگە لوككىسى چوققىسى)، بېيتيەنمېن (غەربىي جەننەت ئىشىكى)، ۋۇخۇشەن (بەش يولۋاس تېغى)، ۋۇلۇڭتەن (ئەجدىھا كۆلچىكى)، شىلۇڭبى (تاش ئەجدىھا تېغى) قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلارنىڭ كۆل ۋە تاغ مەنزىرىسى كۆركەم، گۈزەل بولۇپ، سۇ ئۈستى، مۇز ئۈستى، تاغ ئۈستىدە تۈرلۈك سەيلە - ساياھەت، ئارام ئېلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. قىش پەسلىدە دەريا بويىدىكى دەرەخلەرنىڭ قار - مۇزدىن مونچاق ئاسقان كۆرۈنۈشى ئېلىمىزدە ئاز كۆرۈلىدۇ، بۇ مەنزىرىلىك رايوننىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، مەنزىرىلىك رايون قار - مۇز بايلىقى جەھەتتە ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، چىڭشەن قار تېيىلىش مەيدانى ئېلىمىزنىڭ تاغدا قار تېيىلىش ھەرىكىتى بازىسى. سۇڭخۇا كۆلىدە48 خىل بېلىق سورتى ۋە باشقا سۇ جانلىقلىرى بار، بىپايان ئورماندا تەخمىنەن140 خىل ياۋايى ھايۋان ۋە160 خىل ئىقتىسادىي ياۋا ئۆسۈملۈك بار، شەرقىي شىمالنىڭ «ئۈچ گۆھىرى» مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ. يەنە «شىتۇەنشەن مەدەنىيىتى»، ئىپتىدائىي كوممۇنا جەمئىيىتى خارابىسى قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلار بار.