ساڭيەنشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
ساڭيەنشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خېبېي ئۆلكىسى جىنجىڭ ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدا، كۆلىمى180 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ جاينىڭ تارىخى ئۇزاق، يەر قاتلاملىرى قەدىمىي، مەنزىرە بايلىقى مول. ساڭيەنشەن تېغىدىكى فۇچىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ تەبىئىي كۆرۈنۈشى گۇمانىتار مەنزىرىلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، بۇ يەردە بىجيەن لىڭتەن، چياۋديەن فېيشيا، شۇيگې ساڭيۇ، شوفا ۋېيتەي قاتارلىق16 مەنزىرىلىك جاي، خۇيىڭ شيەنجى، بەيخېچۇەن، گۇەنرىفېڭ، گۇشى گۇبەي قاتارلىق72 مەنزىرە كۆرۈش ئورنى، خىلمۇخىل تاغ مەنزىرىلىرى، قاسىراقسىز، كاۋاك بەيلىن دەرىخى، خەتەرلىك تىك يارلارغا بەرپا قىلىنغان كۆۋرۈك راۋىقى قاتارلىقلار بار. مەنزىرىلىك رايوندا شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىن تارتىپ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان تاش غار ئىبادەتخانىسى، شىجۇاڭ سۇڭ، جىن سۇلالىسى قەبرىستانلىقى تام رەسىملىرى، ياڭجۇاڭ قەدىمىي سەددىچىن سېپىلى ھەمدە ئەتراپىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن نياڭزىگۇەن ۋە خەنشىن ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلغان بەيشىلىڭ قەدىمىي ئۇرۇش مەيدانى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.