UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارئېمېيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

ئېمېيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار ئېمېيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ لېشەن رايونىدا، ئېمېيشەن تېغى ۋە لېشەن تېغىدىكى چوڭ بۇتتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېمىيشەن تېغى تۈزلەڭلىكتە چوقچىيىپ تۇرىدىغان ئۈزۈلمە تاغ. شەرقىي قىسمى پاكار بولۇپ، كۆرۈنۈشى دەرپەردىگە ئوخشايدۇ، ئوتتۇرا قىسمىدا چوققىلار بامبۇكتەك قەد كۆتۈرگەن، غەربىي قىسمى ئېگىز بولۇپ، «ئېمېيشەن تېغى جاھاندا ئەڭ گۈزەل» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئاساسىي چوققا − جىندىڭ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن3099 مېتىر ئېگىز. جىندىڭ چوققىسىغا چىققاندا بۇلۇت دېڭىزى، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، «بۇددا نۇرى»، «مۇقەددەس چىراغ» تىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرۈنۈشنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. تاغ قاپتىلىدىن تاغ چوققىسىغىچە بولغان ئارىلىق ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل كىلىمات رايونىغا تەۋە، يامغۇر مىقدارى يېتەرلىك،3000 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك بار بولۇپ، «ئۆسۈملۈكلەر پادىشاھلىقى» دېگەن نامى بار. ئېمېيشەن تېغى جۇڭگودىكى بۇددا دىنى بويىچە مەشھۇر تۆت تاغنىڭ بىرى بولۇپ، باۋگو ئىبادەتخانىسى، فۇخۇ ئىبادەتخانىسى، ۋەننيەن ئىبادەتخانىسى، چىڭيىن شىپاڭى، شىشياڭ كۆلى دېگەندەك مەشھۇر يادىكارلىقلار كۆپ. لېشەن چوڭ بۇتى مىنجياڭ، چىڭيىجياڭ، دادۇخې دەريالىرى قوشۇلغان جايدا، تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئويۇلغان، ئېگىزلىكى71 مېتىر، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، تاغ، دەريا، ئىبادەتخانا، مۇنارلار بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا سىچۇەننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
ئېمېيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki