UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارنەنجىڭدىكى جۇڭشەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

نەنجىڭدىكى جۇڭشەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار نەنجىڭدىكى جۇڭشەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە، جۇڭشەن تېغى (زىجىنشەن تېغى) ۋە خۇڭۋۇ كۆلىنى مەركەز قىلىدۇ. جۇڭشەن تېغىدىكى ئۈچ چوققىنىڭ تۇتاشقان شەكلى بەئەينى زور ئەجدىھاغىلا ئوخشايدۇ؛ تاغ، سۇ، شەھەر بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم، قەدىمدە «جۇڭشەندە ئەجدىھا تولغىنىپ ياتار، تاش شەھەردە يولۋاس زوڭزىيىپ ئولتۇرار» دەپ تەرىپلەنگەن. نەنجىڭ شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ بىلەن سۇبتروپىك بەلۋاغ كېسىشكەن جايغا جايلاشقان، جەنۇب ۋە شىمال ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ سورتىنى كىرگۈزۈشتىكى ئۆتكۈنچى بەلۋاغ بولۇپ، ئۆسۈملۈك خىللىرى مول، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان. بۇ يەردە جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قەبرىسى − جۇڭشەنلىڭ ۋە شىنخەي ئىنقىلابىدىكى ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭ قەبرىلىرى بار. يەنە سۇن چۇەننىڭ قەبرىسى، مىڭ شاۋنىڭ قەبرىسى، لىنگۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
نەنجىڭدىكى جۇڭشەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki