يۈنتەيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
يۈنتەيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭسۇ ئۆلكىسىگە جايلاشقان ليەنيۈنگاڭ شەھىرى، خۇاگوشەن تېغى، كۇڭۋاڭشەن تېغى، سۇچېڭ دېڭىز ساھىلىدىن ئىبارەت تۆت مەنزىرىلىك جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن180 كۋادرات كىلومېتىر. تاغلىق يەر قاتلىمىدا ئۇزاق مەزگىل دېڭىز سۈيىنىڭ ئۇپرىتىشى ۋە قايتا - قايتا يۈز بەرگەن گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن ئاجايىپ - غارايىپ تاشلار، غارلار ۋە ھەيۋەتلىك تاش دېڭىزى مەنزىرىسى شەكىللەنگەن. مەنزىرىلىك رايون ئىچىدە چوڭ - كىچىك تاغ چوققىسىدىن134 ى بار، تىك چوققىلاردا چوڭقۇر ئۆڭكۈرلەر، ئاجايىپ - غارايىپ قىيا - قاپتاللار بار. يۈنۇيفېڭ چوققىسى جياڭسۇ ئۆلكىسى بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا؛ يۈنتەيشەن تېغى ئېلىمىزنىڭ داڭلىق كلاسسىك رومانى «غەربكە ساياھەت» تىكى خۇاگوشەننىڭ پروتوتىپى بولۇپ، مەنزىرىلىك رايونغا سىرلىق تۈس قوشىدۇ. كۇڭۋاڭشەن تېغىدا مول قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. سۇچېڭ مەنزىرىلىك رايونى چوڭقۇر ۋە ئىچكىرى جىلغا بولۇپ، ئۇنىڭ «خىلۋەتتىكى جەننەت» دېگەن نامى بار، دېڭىز ساھىلى كەڭرى ھەم ئارامبەخش. مەنزىرىلىك رايوننىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %80 تىن ئاشىدۇ.