UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارچىنخۇاڭداۋدىكى بېيدەيخې دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

چىنخۇاڭداۋدىكى بېيدەيخې دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار چىنخۇاڭداۋدىكى بېيدەيخې دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خېبېي ئۆلكىسى چىنخۇاڭداۋ شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، جەنۇب تەرىپى بوخەي دېڭىزىغا، شىمال تەرىپى ليەنفېڭشەن تېغىغا تۇتىشىدۇ. بېيدەيخې دەرياسىدىكى دېڭىز ساھىلى ئۇزۇن ھەم ئەگرى - بۈگرى، قۇملىرى يېقىشلىق، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان، كەپتەر ئۇۋىسى، ئالتۇن تاغ ئېغىزى، يولۋاس سىياقىدىكى تاش، شەپقەتچى بۇدساتۋا ئىبادەتخانىسى، دېڭىز كۆزىتىش پەشتىقى، نېلۇپەر تاش قاتارلىق مەنزىرىلىك نۇقتىلار بار بولۇپ، مەشھۇر دېڭىز ساھىلى مەنزىرىلىك رايونى. چىنخۇاڭداۋنىڭ شەرقىي شىمالىدا يەنە «دۇنيادىكى بىرىنچى قوۋۇق» دەپ نام ئالغان مۇھىم قوۋۇق شەھەر − شەنخەيگۇەن، ئۇنىڭدىن باشقا مېڭجياڭنۈي ئىبادەتخانىسى، مېڭجياڭنۈي قەبرىسى، لاۋلۇڭتۇ قاتارلىق مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەر بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
چىنخۇاڭداۋدىكى بېيدەيخې دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki