UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارچۇڭچىڭدىكى جىنيۈنشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

چۇڭچىڭدىكى جىنيۈنشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار چۇڭچىڭدىكى جىنيۈنشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ بېيبېي رايونى ۋە خېچۇەن ناھىيىسىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ جىنيۈنشەن تېغى، يېيۈنچۇەن بۇلىقى، خېچۇەندىكى دياۋيۈ شەھىرى، شۇنىڭدەك بېيبېي بىلەن دياۋيۈ شەھىرى ئارىلىقىدىكى جيالىڭجياڭ دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى مەنزىرىلىك جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جىنيۈنشەن تېغى، بېيۋېنچۇەندىكى تاغ - دەريا، ئارىشاڭ، جىلغىلار، ئورمانلىق ۋە قەدىمىي ئىبادەتخانىلار، ئېقىن ۋە شارقىراتما، ئۆزگىچە گۈل - گىياھ ۋە ئۆت - چۆپلەر سىچۇەندىكى تاغ - دەريالارنىڭ سۈرلۈك، خەتەرلىك، ھەيۋەتلىكلىكىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. تاغدىكى ئۆسۈملۈكلەر1700 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، «شەرقىي سىچۇەندىكى كىچىك ئېمېيشەن تېغى» دېگەن نامى بار. خېچۇندىكى دياۋيۈي شەھىرى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ يۈەن سۇلالىسىگە قارشى تۇرغان ۋاقىتتىكى قەدىمىي ئۇرۇش مەيدانى، بۇ شەھەرنىڭ ئۈچ تەرىپى دەرياغا يېقىن بولۇپ، شەھەر دەريا مەركىزىدە قەد كۆتۈرگەن. قەدىمىي سېپىل ۋە يەتتە شەھەر قوۋۇقى، شۇنداقلا باۋگو ئىبادەتخانىسى، جۇڭيى ئىبادەتخانىسى قاتارلىق يادىكارلىقلار ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
چۇڭچىڭدىكى جىنيۈنشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki