شىشۇاڭبەننا داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
شىشۇاڭبەننا داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا تەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، يۈنجىڭخۇڭنى مەركەز قىلىپ، مىڭلۇن، مېڭجې رايونلىرى ۋە لەنساڭجياڭ دەرياسى لىنىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قويۇق ئىپتىدائىي ئورمانلىق ۋە تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان مەنزىرىسى، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقىنىڭ موللۇقى بىلەن داڭق چىقارغان. مېڭلۇن دەريا ۋادىسىدىكى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان شىشۇاڭبەننا ئۆسۈملۈكلەر پادىشاھلىقىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى. مىڭجېدا جىڭجېن سەككىز بۇرجەكلىك شىپاڭى، مىڭباڭ سۇ ئامبىرى، مەنلىڭميەن ئىبادەتخانىسى، چاۋاڭشۇ (چاي دەرىخى پادىشاھى) قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. لەنساڭجياڭ دەرياسى لىنىيىسىدە »توز يۇرتى« دەپ ئاتىلىدىغان گەنلەن (زەيتۇن) توسمىسى، شياۋبەي مۇنارى (ئاق مۇنار)، شەنرېندۇڭ ئۆڭكۈرى (ئەۋلىيا ئۆڭكۈرى)، دازۇڭخې شارقىراتمىسى، خۇتاۋشى (يولۋاس سەكرىگەن تاش) قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ھەمدە كۆپ خىل ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر بار. شىشۇاڭبەننا دەيزۇ مىللىتىنى ئاساس قىلغان كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەر، ئاھالىلەر ھويلا - ئاراملىرى ۋە باغۋارانلىق كەنتلەر بار.