ۋۇداڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
ۋۇداڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جۈنشيەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، تاغ - جىلغىلىرى ئاجايىپ غەلىتە ۋە خەتەرلىك، ئۆڭكۈر - غارلىرى سۈرلۈك، مەنزىرىسى كۆركەم. ئاساسىي چوققا − تيەنجۇفېڭ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1612 مېتىر ئېگىز. ۋۇداڭشەن تېغى تويىن دىنىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىنىڭ بىرى، تاڭ سۇلالىسىدىن بۇيان داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىنىپ تۇرغان بولۇپ، قەدىمكى جۈنجۇ شەھىرىدىن تيەنجۇفېڭ چوققىسىغىچە بولغان70 نەچچە كىلومېتىرلىق لىنىيىدە يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قەدىمىي قۇرۇلۇشلاردىن نەچچە ئونى جايلاشقان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېگىز چوققىلارنىڭ ئۈستىگە، بەزىلىرى تىك قىيالارغا سېلىنغان، بەزىلىرى جىلغا، غار ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، يەر شەكلى بىلەن مۇكەممەل بىرلىشىپ كەتكەن، قۇرۇلۇشى ھەيۋەتلىك، ھۈنەر - سەنئىتى نەپىس بولۇپ، «مۇقەددەس تاغدىكى تىلسىمات» لىق كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلىپ، قەدىمكى بىناكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ كۆرگەزمىسى بولۇپ قالغان.