بادالىڭ - شىسەنلىڭ داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
بادالىڭ - شىسەنلىڭ داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − بادالىڭ بېيجىڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يەنچىڭ ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، سەددىچىن سېپىلىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جاي − جۈييۇڭگۇەننىڭ سىرتقى ئېغىزى. تاغ چوققىلىرى سۈرلۈك ھەم خەتەرلىك، سېپىل تاغ بويلاپ سېلىنغان، ئېگىزدىن تۆۋەنگە قارىسا تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. مىڭ سۇلالىسى خانلىرىنىڭ13 قەبرىسى (شىسەنلىڭ) بېيجىڭنىڭ شىمالىدىكى چاڭپىڭ ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، تاغ ۋە سۇلار بىلەن ئورالغان، جەنۇبىدا لۇڭشەن تېغى بىلەن خۇشەن تېغى بىر - بىرىگە قارىشىپ بىر دەرۋازىنى ھاسىل قىلغان، ئىچىدە مىڭ سۇلالىسىنىڭ13 پادىشاھىنىڭ قەبرىسى بار. ھەربىر قەبرە بىر تاشقا جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، راۋاق - شىپاڭلىرى ئارچا - قارىغايلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان.1958 - يىلى شىسەنلىڭ سۇ ئامبىرى ياسىلىپ، بۇ مەشھۇر مەنزىرىلىك جايغا يېڭى تۈس كىردى. بادالىڭ - شىسەنلىڭغا يەنە ۋاڭجىڭشى، ديەنجياڭتەي، جۇيۇڭگۇەن، يۇنتەي، گۇگۇيا قىياسى، تيېبى يىنشەن قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار جايلاشقان.