UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارجىنشىتەن ساھىلىدىكى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جىنشىتەن ساھىلىدىكى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار جىنشىتەن ساھىلىدىكى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھىرىنىڭ جىنجۇ رايونىدا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى كۆلىمى تەخمىنەن110 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. تاغ، دېڭىز، ساھىل، خادا تاشلاردىن تەركىب تاپقان. مۇكەممەل ھەم كۆپ خىل چۆكمە جىنسلار، يېتىلىۋاتقان تىپىك چۆكمە جىنسلار، مول ۋە رەڭگارەڭ جانلىقلار تاش قاتمىلىرى بار بولۇپ، بۇلار ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئاز كۆرۈلىدىغان سىنىئان سىستېمىسى، كېمبرىي سىستېمىسىغا مەنسۇپ گېئولوگىيىلىك مەنزىرىلەردۇر.20 نەچچە كىلومېتىرلىق دېڭىز ياقىسىدا پالېئوزوي ئېراسىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى500 −700 مىليون يىللىق گېئولوگىيىلىك تارىخ يىغىنچاقلانغان بىر تەبىئىي گېئولوگىيە مۇزېيى بولۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى گېئولوگىيە ساھەسىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا نائىل بولغان. مەنزىرىلىك رايوندىكى دېڭىز سۈيىنىڭ يالىشىدىن ھاسىل بولغان خىلمۇخىل ئاجايىپ - غارايىپ يەر شەكلى، يىمىرىلگەن تىك قىيالار، كارستلىق جىلغىلار، چوقچىيىپ تۇرغان تاشلار، كارستلىق ئۆڭكۈرلەر تەبىئىي بىر دېڭىز ساھىلى ھەيكەللەر باغچىسىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ يەردە سەيلە - تاماشا قىلغىلى، گېئولوگىيىلىك ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. جىنشىتەن ساھىلىدىكى چوڭ تىپتىكى دېڭىز سۈيى چۆمۈلۈش سورۇنى ۋە بېلىق تۇتۇش ئورنى مەنزىرىلىك رايونىنىڭ ئارامگاھلىق تۈسىنى بېيىتىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار