UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارداليەن دېڭىز ساھىلى − لۈيشۇن پورتى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

داليەن دېڭىز ساھىلى − لۈيشۇن پورتى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار داليەن دېڭىز ساھىلى − لۈيشۇن پورتى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، شەرق تەرىپى خۇاڭخەي دېڭىزىغا، غەرب تەرىپى بوخەي دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ؛ داليەن دېڭىز ساھىلى ۋە لۈيشۇن پورتىدىن ئىبارەت ئىككى مەنزىرىلىك رايون دېڭىز ساھىلىدىكى45 كىلومېتىرلىق تاشيول ئارقىلىق بىر گەۋدىگە ئايلانغان، ئارالنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى قىسمى105 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. داليەن دېڭىز ساھىلى مەنزىرىلىك رايونىنىڭ دېڭىز ياقىسى لىنىيىسى30 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، سۇ يۈزى كۆز يەتكۈسىز بولۇپ، كۆپكۆك دېڭىز سۈيى ئاسمان بىلەن تۇتاشقان؛ ئارال ۋە خادا تاشلار دېڭىزدا قەد كۆتۈرگەن، ھاۋاسى ئۆزگىرىشچان؛ بەييۈن تاغلىق كەنتىنىڭ نېلۇپەر گۈلى شەكلىدىكى گېئولوگىيىلىك يەر قىياپىتى ۋە كارستلىق تاشلاردىن ھاسىل بولغان خۇددى »دېڭىزدىكى تاش ئورمان«غا ئوخشايدىغان قارا خادا تاشلار دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ. لۈيشۇن پورتى ئېلىمىز تارىخىدىكى دېڭىز چىقىش دەرۋازىسى بولۇپ، يەر شەكلى خەتەرلىك ھەم ھەيۋەتلىك، بۇ يەردە نۇرغۇن يادىكارلىقلار ساقلانغان. مەنزىرىلىك رايوندا نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان47 مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدا خاتىرىلەنگەن جياۋۇ يىلىدىكى جۇڭگو - ياپونىيە ئۇرۇشى ۋە ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى، شۇنداقلا ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا يۈرگۈزگەن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى مەزگىللىرىدىكى تۈرلۈك ئىنشائات، قورغان قاتارلىق نۇرغۇن ئۇرۇش خارابىلىرى بولۇپ، ۋەتەنپەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىكى دەرسخانا ھېسابلىنىدۇ. لۈيشۇن پورتى سىرتىدا مارجان ئاراللار، پورت ئىچىدە كۆككە تۇتاشقان تاغ چوققىلىرى بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرىسى ئاجايىپ گۈزەل.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار