UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلاردالى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

دالى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار دالى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، بۇ جاي ساڭشەن تېغى بىلەن ئېرخەي كۆلىنى مەركەز قىلغان كۆل - تاغ مەنزىرىلىك رايون بولۇپ، جيەنچۇەن ناھىيىسىدىكى شىباۋشەن مەنزىرىلىك رايونى ۋە بىڭچۇەن ناھىيىسىدىكى جىزۇشەن مەنزىرىلىك رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ساڭشەن تېغى ھەيۋەتلىك، ئاساسىي چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن4112 مېتىر ئېگىز. تاغدا3000 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك بار بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئۆسۈملۈكلەر بايلىقى خەزىنىسى. ئېرخەي كۆلى ئېگىز تاغقا جايلاشقان تاتلىق سۇ كۆلى، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن1966 مېتىر ئېگىز، زۇمرەتتەك سۈيى مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ، تاغ بىلەن كۆل ئۆزئارا ھۆسن قوشۇپ، تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ. تۆۋەنكى ئۆتكەلدىن يۇقىرىقى ئۆتكەلگىچە قەدىمىي جەنۇبىي جاۋ دېخۇابى ئابىدىسى، دالى ئۈچ مۇنارى ۋە خۇديېچۇەن بۇلىقى (كېپىنەك بۇلىقى) قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار بار. بۇ يەردە بەيزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە ھويلا - ئاراملىرى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان ئېسىل خەلق چۆچەكلىرى، ئەپسانە - رىۋايەتلىرى ناھايىتى كۆپ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
دالى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki