UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارۋۇتەيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

ۋۇتەيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار ۋۇتەيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سەنشى ئۆلكىسى ۋۇ تەيشەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا. تەيخۇەيجېن بازىرىنى مەركەز قىلىدۇ، ئەتراپىنى شەرقىي چوققا، غەربىي چوققا، جەنۇبىي چوققا، شىمالىي چوققا، ئوتتۇرا چوققىدىن ئىبارەت بەش تاغ چوققىسى ئوراپ تۇرغانلىقتىن، ۋۇتەي (بەش تەكچە) دەپ ئاتالغان. ئەڭ ئېگىز شىمالىي چوققا دېڭىز يۈزىدىن3058 مېتىر ئېگىز بولۇپ، «شىمالىي جۇڭگونىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ۋۇتەيشەن تېغى قەدىمىي گرانىت تاش ۋە گنېيس (تاغ جىنسى)دىن تەركىب تاپقان تاغ بولۇپ، ئۈستى سۇپىغا ئوخشاش تۈز، ئېرىقلاردا سۇلار ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرىدۇ. ۋۇتەيشەن تېغى جۇڭگودىكى بۇددا دىنى بويىچە تۆت چوڭ مەشھۇر تاغنىڭ بىرى بولۇپ، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا بۇ يەردە بۇددا ئىبادەتخانىلىرى سېلىنغان، ھازىر بۇ يەردە تاڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدىكى100 گە يېقىن ئىبادەتخانا ۋە خارابە بار. تەيۋەي ئەنچەنسى ساڭرامى ۋە فوگۇاڭسى ساڭرامى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان بولۇپ، جۇڭگودا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشلاردۇر. ئۇلاردىن باشقا قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنتايىن كۆپ. ۋۇتەيشەن تېغى يەنە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇش مەزگىلىدە سەنشى - چاخار - شەنشى چېگرا رايونلۇق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق ئورۇن بولغان. سۇڭيەنكۇدا دوختۇر بېتيون قۇرغان «نەمۇنە» دوختۇرخانىسى بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار