جاۋچىڭدىكى داڭلىق شىڭخۇ كۆلى مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
جاۋچىڭدىكى داڭلىق شىڭخۇ كۆلى مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جاۋچىڭ شەھىرىدە، ئۇ چىشىڭيەن (يەتتە قىيالىق) ۋە دىڭخۇشەن تېغىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھاك تېشىدىن تۈزۈلگەن چوققا ۋە ئورمانلىق تىپىدىكى تاغ - سۇ مەنزىرىلىك رايونىدۇر. چىشىڭيەن كۆلىنىڭ كۆلىمى چوڭ، يېشىللىققا پۈركەلگەن يەتتە قىيا كۆل بويىدا خۇددى يەتتە قاراقچى يۇلتۇزىدەك تىزىلىپ تۇرىدۇ. قىيالىقتا نۇرغۇن ئۆڭكۈرلەر بار، قىيا تاملىرىدا ئويمىلار قالدۇرۇلغان. دىڭخۇشەن تېغىنىڭ گۈزەللىكتە بوي تالىشىپ تۇرغان چوققىلىرى، ئاسمان - پەلەك ئېگىز دەرەخلىك ئورمانلىقى، بۇتخانىلىرى، شارقىراتما ۋە بۇلاقلىرى بىلەن داڭق چىقارغان. چىڭيۈن ئىبادەتخانىسى ئەتراپىغا تارقالغان نەچچە مىڭ مو تەبىئىي ئورمانلىق جەنۇبىي ئاسىيا تروپىك بەلۋىغىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەل - دەرەخلەر تىپىغا مەنسۇپ بولۇپ، ۋۇلىڭ تېغىنىڭ جەنۇبىغا خاس مەنزىرىگە ئىگە.