يەنداڭشەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
يەنداڭشەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جېجياڭ ئۆلكىسى لېچىڭ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا، يەنداڭشەن تېغىنىڭ غەيرىيلىكى ۋە گۈزەللىكى تاغ گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگۈچى رىئولىتلارنىڭ بېرىلىپ تەرەققىي قىلىشى ۋە يىمىرىلىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان غەلىتە يەر يۈزى تۈزۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان. ئاجايىپ - غارايىپ چوققىلار ۋە تاشلار، قەدىمىي غار ۋە تاش ئۆيلەر، قاتمۇقات تاغلار، شارقىراتما ۋە بۇلاقلار ئىنتايىن كۆركەم، ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. ئاساسىي چوققا − بەيگاڭجيەن چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1150 مېتىر ئېگىز. لىڭفېڭ، لىڭيەن، دالۇڭچيۇ قاتارلىق ئورۇنلار پۈتكۈل تاغنىڭ مەنزىرە مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. دالۇڭچيۇ شارقىراتمىسىنىڭ ئېگىزلىكى190 مېتىر كېلىدۇ، بىۋاسىتە لوڭتەن كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. يەنداڭشەن تېغى قەدىمدىن تارتىپلا داڭلىق تاغ بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا تاغ ئۈستىگە ئىبادەتخانا سېلىنغان، سۇڭ سۇلالىسى مەزگىلىگە كەلگەندە18 بۇتخانا،16 شىپاڭ،10 ھويلا - ئارام بولۇپ كۆپەيگەن.