خۇاڭگوشۇ داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
خۇاڭگوشۇ داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ جېننىڭ ۋە گۇەنلىڭ ناھىيىلىرىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە، خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىنى مەركەز قىلغان داڭلىق مەنزىرىلىك رايون. تاش ئورمان ۋە ئۆڭكۈر، بۇيىزۇ، مياۋزۇ كەنتلىرى ھەمدە خۇڭيەنبېي (قىزىل تاش ئابىدە)، گۇەنسۇ بۇتخانىسى، تيەنلۇڭ بۇتخانىسى قاتارلىق قەدىمىي يادىكارلىقلار بار.