لۇنەن تاش ئورمان داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
لۇنەن تاش ئورمان داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − يۈننەن ئۆلكىسى يىزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدە، تاش ئورمان ھاك تاش كارست يەر تۈزۈلۈشىدىن ئىبارەت بىر خىل ئۆزگىچە ھالەت بولۇپ، غەلىتە تاشلاردىن ھاسىل بولغان تاش ئورمان ھەر خىل قىياپەتتە ئېگىز چوقچىيىپ، خىلمۇخىل ئۆزگىرىپ تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ جانلىق، غەيرىي قىياپىتى گاھ بۈك - باراقسان ئورمانلىققا ئوخشىسا، گاھ تۈمەنلىگەن چەۋەندازلارغا ئوخشاپ، ئادەمنىڭ خىلمۇخىل تەسەۋۋۇرىنى قوزغايدۇ، ئۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن نام ۋە ئەپسانىۋى ھېكايىلەر تارقىلىپ كەلگەن. تاش قىيالارنىڭ يېرىقلىرىغا پېلەكلەر ياماشقان، تاشلار ساڭگىلاپ تۇرغان، بامبۇكلار بوي تارتقان، تاغ گۈللىرى خۇش پۇراق چېچىپ، قۇشلار سايرىشىپ، مىڭلىغان چوققا - قىيالارنى جۇشقۇنلۇققا چۆمدۈرىدۇ، يېقىن ئەتراپىدا يەنە جىيۈندۇڭ ئۆڭكۈرى، چىفېڭدۇڭ ئۆڭكۈرى، چاڭخۇ كۆلى، يۆخۇ كۆلى، فېيلۇڭ شارقىراتمىسى قارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. شۇ جايدىكى يىزۇ خەلقىنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرى مەنزىرىلىك رايونغا تېخىمۇ تۈس قوشۇپ تۇرىدۇ.