UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارلۇشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

لۇشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار لۇشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، شەرقتە پوياڭخۇ كۆلى، شىمالدا چاڭجياڭ دەرياسىغا يانداشقان. ئۇ تۈزلەڭلىكتە چوقچىيىپ تۇرغان گورست شەكىللىك ئۈزۈلمە تاغنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئېگىز تاغ. ئاساسىي چوققىسى داخەنياڭ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1474 مېتىر ئېگىز. لۇشەن تېغىنىڭ مەنزىرىسى ھەيۋەتلىك، غەلىتە، خەتەرلىك، كۆركەم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. قەدىمدىن «لۇشەن تېغىدىكى شارقىراتمىلارنىڭ داڭقى جاھانغا تارقالغان» دېگەن مەشھۇر نامى بار. ۋۇلاۋفېڭ چوققىسىنىڭ شەرقىدىكى سەندىيېچۈەن بۇلىقىنىڭ سۈيى ئۈچ بالداققا بۆلۈنۈپ،120 مېتىر ئېگىزلىكتىن تيېبىفېڭ چوققىسىنىڭ ئالدىغا چۈشىدۇ، تاغ ئۈستىدە پەرىشتە غارى، ترىبراتنا دەرىخى، لۇڭشۇ قىيالىقى، خەنپوكۇ ئېغىزى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار، تاغ باغرىدا جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى دۇڭلىن ئىبادەتخانىسى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەپقەتچى بۇدساتۋا كۆۋرۈكى ۋە بەيلۇدۇڭ (ئاق بۇغا غارى) بىلىم يۇرتى قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار