UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارچاڭجياڭ دەرياسى سەنشيا بوغۇزى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

چاڭجياڭ دەرياسى سەنشيا بوغۇزى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار چاڭجياڭ دەرياسى سەنشيا بوغۇزى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي ۋە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىدا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جىلغا سۇ يولىنى ئاساس قىلغان دەريا مەنزىرىلىك رايونى بولۇپ، غەربتە سىچۇەننىڭ فېڭجيې دېگەن يېرىدىن شەرقتە خۇبېينىڭ يىچاڭ دېگەن يېرىگىچە كېلىدۇ. سەنشيا بوغۇزى چۈتاڭشيا بوغۇزى، ۋۇشيا بوغۇزى، شىلىڭشيا بوغۇزىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئىككى قىرغىقىدا تاغلار كۆككە بوي سوزۇپ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. سەنشيا بوغۇزى چۈتاڭشيا بوغۇزىنىڭ ھەيۋەتلىكى، ۋۇشيا بوغۇزىنىڭ گۈزەللىكى، شىلىڭشيا بوغۇزىنىڭ خەتەرلىكلىكى ۋە ئۈچ بوغۇزنىڭ بۇلۇت - يامغۇرى بىلەن داڭق چىقارغان. دەريا بويىدا مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەر كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خېڭدۇ ناھىيىسىدىكى مەشھۇر تاغ، جۇڭشيەن ناھىيىسىدىكى شىباۋ كەنتى، يۈنياڭ ناھىيىسىدىكى جاڭ فېي بۇتخانىسى، فېڭجيې ناھىيىسىدىكى بەيدىچېڭ قەلئەسى ھەمدە سەنشيا بوغۇزىنىڭ مەنزىرىسى مەدھىيىلەنگەن نۇرغۇن بېغىشلىما ئويمىلار بار. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان دانىڭخې دەرياسىدىكى كىچىك سەنشيانىڭ تاغ - سۇلىرى گۈزەل بولۇپ، ئاجايىپ چوققىلار، تىك قىيالار، بۈك - باراقسان ئورمانلىقلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى چىرقىرىشىۋاتقان مايمۇنلار كىشىگە ياۋايىلىق ھېس قىلدۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار