UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارچىڭچېڭشەن تېغى - دۇجياڭيەن توسمىسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

چىڭچېڭشەن تېغى - دۇجياڭيەن توسمىسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار چىڭچېڭشەن تېغى - دۇجياڭيەن توسمىسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇەنشيەن ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدە، چىڭچېڭشەن تېغى مىڭشەن تېغىنىڭ قارلىق چوققىسىغا ئارقىسىنى قىلىپ، غەربىي سىچۇەن تۈزلەڭلىكىگە يۈزلىنىپ تۇرىدۇ، ئەتراپى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان، ئاساسىي چوققىسى بولغان داميەنشەن دېڭىز يۈزىدىن1300 مېتىر ئېگىز، قەدىمدىن خىلۋەتلىكى بىلەن داڭلىق بولۇپ، »جاھاندىكى ئەڭ خىلۋەت تاغ« دېگەن نامى بار. چىڭچېڭشەن تېغى جۇڭگودىكى تويىن دىنىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى. مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەر، ئەدىبلەرنىڭ قوليازمىلىرى ئىنتايىن كۆپ. دۇجياڭيەن توسمىسى قەدىمكى زاماندىكى ئەمگەكچى خەلق ياسىغان ئۇلۇغ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بولۇپ، سۇ ئاپىتىنى تۈگىتىپلا قالماي، بەلكى غەربىي سىچۇەن تۈزلەڭلىكىنى «ئاسايىشلىق ماكان» بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. دۇجياڭيەن توسمىسى، ئېرۋاڭمياۋ ئىبادەتخانىسى، فۇلۇڭگۇەن، دۇلېيتەي، ئەنلەنسۇ كۆۋرۈكى، يۈيلېيگۇەن قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار