UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارمەيجىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

مەيجىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار مەيجىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تيەنشۇي ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدە، تاش غار ھەيكەللىرىنى ئاساس قىلغان، تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، مەيجىشەن تېغى، ئەۋلىيا قىياسى، تاش قوۋۇقتىن ئىبارەت ئۈچ مەنزىرە رايونىغا بۆلۈنىدۇ. سېڭماۋشەن تېغى، لوخەنيەن تېشى، شياڭجىشەن تېغى، سەنشەن قىياسى، دۇجياۋفېڭ چوققىسى قاتارلىق ئاجايىپ چوققا - قىيالار ئارىسىدا مەيجىشەن تېغى ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ، تاش غار قىيالىقتىكى تىك يارلارغا بىنا قىلىنغان بولۇپ، ھازىر194 ئۆڭكۈر بۇت تەكچىسى،7200 دىن ئارتۇق لاي بۇت ۋە تاش بۇت،1000 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان تام رەسىملىرى، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى «قىيا راۋىقى» دىن سەككىزى بار بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ يىپەك يولىدىكى مۇقەددەس جايى ھېسابلىنىدۇ. مەنزىرىلىك رايون ئىچىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ياخشى ئۆسكەن، تاغلىرى قاتمۇقات بولۇپ، غەربىي شىمال سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىدىكى مەرۋايىت، دەپ تەرىپلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار