گۇيلىندىكى داڭلىق لىجياڭ دەرياسى مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
گۇيلىندىكى داڭلىق لىجياڭ دەرياسى مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىدا بولۇپ، تىپىك كارست چوققىلىق - ئورمانلىق يەر تۈزۈلۈشىگە ئىگە بولغان، تاغ - سۇلىرى گۈزەل، مەشھۇر تاغ - سۇ مەنزىرىلىك رايوندۇر. «دەرياسى كۆك بەلۋاغقا، تاغلىرى يېشىل قاشتېشىغا ئوخشايدۇ.» تاغ تاشلىرى چوقچىيىپ چىققان، تەنھا چوققىلار كۆككە تۇتاشقان ۋە ياكى چوققا - ئورمانلار تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئورمانلىرىنىڭ چېكى يوق. لىجياڭ دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرى تاغ - تاش ۋە ئورمانلىقلار ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان، تاغ ۋە سۇلار بىلەن ئورالغان چەكسىز گۈزەل جاي ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا «گۇيلىننىڭ تاغ - دەريالىرى جاھاندا تەڭداشسىز» دەپ تەرىپلىنىدۇ. گۇيلىندا غارسىز تاغ يوق، لۇدىيەن، چىشىڭيەن قاتارلىق غارلار ئەڭ داڭلىق. مەنزىرىلىك رايون ئىچىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بەك كۆپ، تاش ئويمىلاردىنلا2000 نەچچىسى بار، بۇلار ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىغا تارقالغان، يەنە چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تىلىڭ ئۆستىڭى، چىن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى گۇيەنگۇەن خارابىسى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جىڭجياڭۋاڭ شەھىرى قاتارلىقلار بار.