UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارنەنشىجياڭ دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

نەنشىجياڭ دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار نەنشىجياڭ دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يۇڭجيا ناھىيىسى تەۋەسىدە. نەنشىجياڭ دەرياسى ئوۋجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى ئەڭ چوڭ تارمىقى، غول ئېقىنىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى145 كىلومېتىر، دەريا ئەگرى - بۈگرى، ئىككى قىرغىقى ياپيېشىل دەل - دەرەخلەرگە پۈركەلگەن بولۇپ، تىپىك دەريا - جىلغىلىق مەنزىرىلىك جاي ھېسابلىنىدۇ. مەنزىرە رايونى دەريا بويىغا جايلاشقان بولۇپ، كىچىك نەنشىدىن دارۇيەن قىياسىغىچە، گۇمياۋشىدىن تەيپىڭيەن قىياسىغىچە، خۇاتەنشىدىن شۇييەن قىياسىغىچە، گۇشەنشىدىن شىزىيەن قىياسىغىچە، خېچېڭشىدىن شىۋېييەن (تاش ماچتا) قىياسىغىچە، جاڭشىدىن سىخەيشەن تېغىغىچە بولغان ئالتە مەنزىرىلىك ئورۇنغا ئايرىلىدۇ. مەنزىرىلىك رايوندا «بەيجياڭ شارقىراتمىسى»، «خەنشيۇ شارقىراتمىسى»، «ليەنخۇا شارقىراتمىسى»، «دىباۋ شارقىراتمىسى» قاتارلىق50 نەچچە شارقىراتما بار. سانجاق - سانجاق غەلىتە قىيا تاشلار، ئېگىز قەد كۆتۈرگەن تاش ماچتىنىڭ ئۈچ تەرىپى ئېرىقلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، نىسپىي ئېگىزلىك پەرقى300 نەچچە مېتىر كېلىدۇ. تەيۋەن بوك دەرىخى، گىنكو دەرىخى، خۇاشى ئېرەن دەرىخى قاتارلىق دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان قىممەتلىك دەرەخ سورتلىرى بار. دارۇيەن قىياسى تاغ ئېتىكى دەريا بويىدىكى كەنت - مەھەللىلەرنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ يەردە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيانقى شىپاڭ ۋە راۋاقلار، بۇتخانا - ئىبادەتخانىلار، زىننەت دەرۋازىلىرى قاتارلىق قەدىمكى قۇرۇلۇشلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
نەنشىجياڭ دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki