مىس ئاقما سۇ سائىتى
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
قەدىمكى زاماندا سائەت يوق بولغاچقا كىشىلەر ۋاقىت ھېسابلايدىغان نۇرغۇنلىغان چارىلەرنى ئويلاپ، ۋاقىت ھېسابلايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى كەشىپ قىلغان، مىس ئاقما سۇ سائىتى مانا مۇشۇلارنىڭ بىرى.
جۇڭگو تارىخ مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا يۈەن سۇلالىسى يەنيۇنىڭ3 - يىلى (مىلادىيە1316 - يىلى) قۇيۇپ ياسالغان بىر دانە مىس ئاقما سۇ سائىتى تىزىقلىق. تۆت قەۋەتلىك بىر ياغاچ جازىغا تەرتىپ بويىچە تۆت مىس چۆگۈن قويۇلغان، ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكىسى كۈن چۆگۈنى دېيىلىدۇ، ئاستىدىكىلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاي چۆگۈنى، يۇلتۇز چۆگۈنى، سۇ چۈشۈش چۆگۈنىدىن ئىبارەت. كۈن چۆگۈنى، ئاي چۆگۈنى، يۇلتۇز چۆگۈنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈۋىدە سۇ تامچىيدىغان بىر مىس ئېغىز، سۇ چۈشۈش چۆگۈنىدە بىر دانە لەيلەپ تۇرغان شكالىلىق تاياق بار. سۇ كۈن چۆگۈنىدىن ئاي چۆگۈنى، يۇلتۇز چۆگۈنىگە تامچىپ ئېقىپ، ئاخىر سۇ چۈشۈش چۆگۈنىگە يىغىلىدۇ، چۆگۈندىكى شكالىلىق تاياق سۇنىڭ لەيلىتىش كۈچى بىلەن ئاستا - ئاستا يۇقىرىغا لەيلەپ چىقىدۇ، كىشىلەر شكالىلىق تاياقنىڭ شكالىسىغا قاراپ ۋاقىتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ شيا، شاڭ سۇلالىلىرىدە ئاقما سۇ سائىتى كەڭ ئىشلىتىلگەن. ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ قەدىمكى ئاقما سۇ سائىتى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاق چۆگۈنلۈك ئاقما سۇ سائىتىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا سۇ تامچىپ ئاققاندىن كېيىنكى سۇ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ۋاقىت خاتىرىلىنىدۇ، لېكىن ۋاقىتنىڭ خاتىرىلىنىشى دېگەندەك توغرا بولمايدۇ. كېيىن يەنە لەيلىمە ئاقما سۇ سائىتى كەشىپ قىلىنغان، ئۇنىڭدا ئاقما سۇ سائىتىنىڭ ئاستىغا سۇ چۈشۈش چۆگۈنى قويۇلغان، سۇ چۈشۈش چۆگۈنىنىڭ ئىچىدە بىر دانە شكالىلىق تاياق لەيلەپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ چۆگۈننىڭ ئاغزىدىن سىرتقا چىقىپ تۇرىدۇ، ئاقما سۇ سائىتىنىڭ ئىچىدە سۇ ھەر ۋاقىت توشقىچە تۇرىدۇ، سۇ سۇ چۈشۈش چۆگۈنىگە تامچىپ تۇرىدۇ، تامچىپ چۈشكەن سۇ قانچە جىق بولسا، شكالىلىق تاياق شۇنچە لەيلەپ يۇقىرىغا چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋاقىت خاتىرىلىنىدۇ. ئاقما سۇ سائىتىنىڭ دەرىجە سانى قانچە جىق بولسا، خاتىرىلەنگەن ۋاقىتمۇ شۇنچە توغرا بولىدۇ. جىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى زامانلاردا كۆپىنچە ئىككى دەرىجىلىك ئاقما سۇ سائىتى ئىشلىتىلەتتى، جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۈچ دەرىجىلىك ئاقما سۇ سائىتى ئىشلىتىلگەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ تۆت دەرىجىگە بارغان. جۇڭگو تارىخ مۇزېيىدا تىزىقلىق تۆت دەرىجىلىك ئاقما سۇ سائىتىدىن باشقا يەنە گۇگۇڭ مۇزېيىنىڭ جياۋتەي قەسرىدىمۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە تۆت دەرىجىلىك ئاقما سۇ سائىتى بار.
ئاقما سۇ سائىتىگە قەدىمكى زامان كىشىلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەمەلىي ماتېرىيال، بىز بۇنىڭدىن قەدىمكى زامان كىشىلىرىنىڭ ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلى، ئەسۋاب - ئۈسكۈنە ياساش قائىدىسى ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى بىلەلەيمىز.