UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىچاڭشىن ئوردا پانۇسى

چاڭشىن ئوردا پانۇسى

جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خېبېي ئۆلكىلىك مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان چاڭشىن ئوردا پانۇسى لايىھىلىنىشىنىڭ ئەپچىللىكى، ياسىلىشىنىڭ نەپىسلىكى بىلەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىس پانۇسلار ئىچىدىكى ئېسىل بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. چاڭشىن ئوردا پانۇسى مىستىن ياسالغان، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن، چاقناپ تۇرىدۇ. پانۇس ئوردا كېنىزىكى شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، سول قولىدا شام تۇتقان، ئوڭ قولى ۋە يېڭى بىلەن شامنى ئوراپ، تەبىئىيلا چىراغ شېشىسى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ تەگلىكىنى ئايلاندۇرغىلى، چىراغ شېشىسىنى ئېچىپ - ياپقىلى بولىدۇ، شامغا ئوت ياققاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ۋە يورۇتۇش بۇلۇڭىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. خۇددى ھازىرقى نۇر تەڭشىگىلى بولىدىغان چىراغقا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئوردا كېنىزىكى ھەيكىلىنىڭ ئىچى كاۋاك، ئوڭ بىلىكى ئىس يولى بىلەن تۇتىشىدۇ، شام كۆيگەندىن كېيىن ئىس - تۈتەك، چاڭ - توزان ئوردا كېنىزىكىنىڭ ئوڭ بىلىكىدىن بەدىنىگە كىرىپ، ھاۋانى بۇلغىمايدۇ. ئوردا كېنىزىكىنىڭ بېشى بىلەن ئوڭ بىلىكىنى چۇۋۇشقا بولىدۇ. بۇ پانۇسنى تازىلاش ناھايىتى قۇلايلىق. چاڭشىن ئوردا پانۇسىنى ئەسلىدە غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شاھى ۋېندى ليۇ جيېگە ئىنئام قىلغان بولۇپ، كېيىن ليۇ جيې جازاغا تارتىلغاندىن كېيىن دۇ خانىشنىڭ چاڭشىن سارىيىغا قويۇپ قويۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دۇ خانىش بۇ پانۇسنى يەنە ليۇ شېڭنىڭ ئايالى دۇ ۋەنگە ھەدىيە قىلغان، دۇ ۋەن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ھەمدەپنە قىلىنىپ، قەبرىگە كۆمۈۋېتىلگەن،1968 - يىلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مەنچېڭ ناھىيىسىدە دۇ ۋەننىڭ قەبرىسىنى قازغاندا بۇ ئوردا پانۇسى بايقالغان، پانۇسقا «چاڭشىن ئائىلىسى» ۋە «چاڭشىن مۇنچا ئەمەلدارى» دېگەندەك خەتلەر ئويۇلغان بولغاچقا، ئۇ «چاڭشىن ئوردا پانۇسى» دەپ ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
چاڭشىن ئوردا پانۇسى | UyghurWiki | UyghurWiki