UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىيىنچۆشەندىكى بامبۇك پۈتۈكلەر

يىنچۆشەندىكى بامبۇك پۈتۈكلەر

جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جۇڭگو تارىخىدا، مىڭ يىللاردىن بېرى «سۇن بىننىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» دېگەن كىتاب ئۈستىدە تالاش - تارتىش بولۇپ كەلدى. بەزىلەر «سۇن بىننىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» دەل «سۇنزىنىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» دېگەن كىتاب، ئۇنىڭ ئاپتورى ھەم سۇن بىنمۇ ئەمەس، ھەم سۇنزىمۇ ئەمەس، بەلكى خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئىسىم قويۇپ ياسالغان دەپ قاراشتى يىنچۆشەندىكى بامبۇك پۈتۈكلەرنىڭ قېزىلىشى، ھازىرغىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان سىرلىق تارىخىي مەسىلىنى ھەل قىلدى.1972 - يىل4 - ئايدا، سەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى لىنيى ناھىيىسىنىڭ يىنچۆشەن دېگەن يېرىدە غەربىي خەن سۇلالىسى پادىشاھى ۋۇدىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا تەۋە قەبرىلەردىن5000 پارچىغا يېقىن بامبۇك پۈتۈك ۋە ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرى بايقالدى. بامبۇك پۈتۈكلەرگە خاتىرىلەنگىنى كۆپ قىسمى چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى قەدىمكى كىتابلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە يوقىلىپ كەتكىنىگە1700 يىلدىن ئاشقان،10 مىڭدىن ئارتۇق خەت پۈتۈلگەن «سۇن بىننىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» دىن480 پارچە، «سۇنزىنىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» پۈتۈلگەن300 نەچچە پارچە بامبۇك پۈتۈك بار. بامبۇك پۈتۈكلەرگە ئاساسەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، «سۇن بىننىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» نىڭ ئاپتورى سۇن بىن بىلەن «سۇنزىنىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» نىڭ ئاپتورى سۇن ۋۇ ئايرىم - ئايرىم ئىككى كىشى، سۇن ۋۇ ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى چى بەگلىكىنىڭ ئادىمى بولۇپ، ۋۇ بەگلىكىنىڭ ھەربىي سانغۇنى بولغان. سۇن بىن سۇن ۋۇنىڭ ئەۋلادى. بۇ ئىككى ھەربىي ئىشلار دەستۇرىدا نۇرغۇن جەڭ تاكتىكىلىرى ۋە ھەربىي ئىشلارغا دائىر مەشھۇر ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىلەر خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئىزچىل ھالدا دۇنيادىكى داڭلىق ھەربىي كىتاب ھېسابلىنىپ كەلدى. مەسىلەن، سۇن ۋۇنىڭ «ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلگەن جەڭدە يېڭىلمەس» دېگەن تەدبىرى ۋە سۇن بىننىڭ «ۋېي بەگلىكىنى قورشاپ، جاۋ بەگلىكىنى قورشاۋدىن قۇتۇلدۇرۇش» جەڭ مىسالى توغرىسىدىكى ئانالىزلىرى كەلگۈسى ئەۋلاد ھەربىي ئىشلار ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ تۇرمۇش ھەقىقىتى سۈپىتىدە كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى ۋە قوللىنىلدى. چەت ئەللەردە «سۇنزىنىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» دېگەن كىتابنى يالغۇز ئۇرۇشقا تەتبىقلاپلا قالماي، بەلكى ئىشلارنى پىلانلاشقىمۇ تەتبىقلىماقتا.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى