كۈمۈش ئىسلىغۇچ
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
ياپونىيىنىڭ نارا شەھىرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلىنىدىغان جېڭساڭيۈەندە جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە نەپىس ياسالغان، ئەپچىل بىر دانە ئىسلىغۇچ جۇڭگو - ياپونىيە خەلقلىرىنىڭ دوستانە بېرىش - كېلىشىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ قالغان.
ئىسلىغۇچ قەدىمكى زامان كىشىلىرىنىڭ كىيىم - كېچەك، يوتقان - كۆرپىلەرنى ئىسلاش قورالى. بۇ ئىسلىغۇچ كۈمۈشتىن ياسالغان بولۇپ، سىرتى شار شەكىللىك، شارنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، ھەر خىل سۈرەتلەر ئويۇلغان، ئوتتۇرا قىسمى يۇقىرى، تۆۋەن ئىككى قەۋەتكە ئايرىلغان. شارنىڭ ئىچىدە خۇش پۇراق ماتېرىيال سالىدىغان بىر كىچىك قاچا بار، قاچىنى ئۈچ قات چەمبەر تىرەپ تۇرىدۇ. ئىسلىغۇچقا كومپاسنىڭ پرىنسىپى قوللىنىلغاچقا، ئۇنىڭ ئورنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىچىدىكى كىچىك قاچا مەڭگۈ گورىزونتال ھالەتنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خۇش پۇراق ماتېرىياللار سىرتقا چېچىلىپ كەتمەيدۇ.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇ ئىسلىغۇچ قانداق قىلىپ ياپونىيىگە بېرىپ قالغان؟ بۇ «تاڭ سۇلالىسىگە كەلگەن ئەلچىلەر» بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا جۇڭگو - ياپونىيە خەلقلىرى دوستانە ئالاقە قىلغان. «تاڭ سۇلالىسىگە كەلگەن ئەلچىلەر» ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا ئەۋەتىدىغان ئەلچىلەر ئۆمىكى بولۇپ، ئۆمەك ئەزالىرى ئىچىدە دىپلوماتلار، ئوقۇغۇچىلار، بۇددىستلار، يەنە ھۈنەرۋەن، ماتروسلار بار ئىدى. ئۇلار جۇڭگوغا كەلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ۋەزىپىلەرنى تاماملاش بىلەن بىللە، يەنە جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى، بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق، ھۈنەر - سەنئەت قاتارلىق تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنەتتى. ئۇلار دۆلىتىگە قايتقاندا ھەمىشە جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ۋە نەپىس ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئالغاچ كېتەتتى. كۈمۈش ئىسلىغۇچنى تاڭ سۇلالىسىگە كەلگەن ئەلچىلەر ياپونىيىگە ئېلىپ كەتكەن.