سىمۇۋۇ داڭقىنى
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
جۇڭگو تارىخ مۇزېيىدا تىزىقلىق سىمۇۋۇ داڭقىنى دۇنيادا ھازىرغىچە بار بولغان ئەڭ چوڭ برونزا قورال ھېسابلىنىدۇ. ئۇ شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى يادىكارلىق بولۇپ،3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.
داڭقان ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە يېمەكلىك پىشۇرىدىغان قازان - قومۇچ ياكى يېمەكلىكلەرنى ئۇسىدىغان قاچا بولۇپ، كۆپىنچە ساپالدىن ياسىلاتتى. شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە مېتاللۇرگىيە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، داڭقان كۆپىنچە برونزىدىن قۇيۇلىدىغان بولغان. بۇ ۋاقىتتا داڭقان بىر خىل مۇراسىم قورالى بولۇپ، ھوقۇقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئىشلىتىشى چەكلەنگەن. «سىمۇۋۇ» دېگەن ئىسىم ئەسلىدە بۇ داڭقاننىڭ ئىچىگە ئويۇلغان خەت بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ نامى بولۇپ قالغان. ئارخېئولوگلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، «سى» (司) − نەزىر - چىراغ دېگەن مەنىدە، «مۇۋۇ» (戌母) − شاڭ سۇلالىسى پادىشاھى ۋېن دىڭنىڭ ئانىسى. بۇنىڭدىن ۋېن دىڭنىڭ بۇ داڭقاننى ئانىسىنىڭ نەزىرى ئۈچۈن ياساتقان دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ. سىمۇۋۇ داڭقىنىنىڭ يەنە ئوقۇر داڭقان دېگەن نامىمۇ بار، چۈنكى ئۇنىڭ شەكلى ئات ئوقۇرىغا ئوخشايدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇ ئات ئوقۇرى قىلىپ ئىشلىتىلگەچكە شۇنداق ئاتالغان، دېيىشىدۇ.
سىمۇۋۇ داڭقىنىنىڭ ئېگىزلىكى133 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى875 كىلوگرام بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا70 -80 ھۈنەرۋەن بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلغاندا ئاندىن قۇيۇپ چىققىلى بولىدۇ، ئۇنىڭغا1000 كىلوگرامدىن ئارتۇق مېتال خام ئەشيا كېتىدۇ. سىمۇۋۇ داڭقىنى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئېغىز تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى110 سانتىمېتىر، كەڭلىكى78 سانتىمېتىر، دىۋارىنىڭ قېلىنلىقى ئالتە سانتىمېتىر، تۆۋەن تەرەپتە تۈۋرۈكسىمان تۆت پۇتى بولۇپ، ئىنتايىن پۇختا كۆرۈنىدۇ. بۇ تۆت چاسا داڭقان گەرچە چوڭ، ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى نەپىس ياسالغان. داڭقانغا مول ھوسۇل ۋە بەخت - سائادەتنى بىلدۈرىدىغان يىرتقۇچ ھايۋان، ئەجدىھا قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن؛ قۇلىقىغا يولۋاسنىڭ ئادەم بېشىنى چىشلەۋاتقان سۈرىتى قۇيۇپ چىقىرىلىپ، تېخىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنگەن؛ پۇتىغا تومۇزغا سۈرىتى قۇيۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، سىزىقلىرى ئېنىق، جانلىق كۆرۈنىدۇ. سىمۇۋۇ داڭقىنى مەيلى قۇيمىچىلىق ھۈنەر - سەنئىتىدە بولسۇن ياكى سەنئەت سەۋىيىسىدە بولسۇن، شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قۇيمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
سىمۇۋۇ داڭقىنى1939 - يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنياڭ ناھىيىسىدە بايقالغان. قېزىۋېلىنغاندىن كېيىن، كېلەڭسىز ھەم ئېغىر بولغاچقا يۆتكەشكە ئامالسىز قالغان. كېيىن ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرى بۇ داڭقاننى كۆپ قېتىم تارتىۋالماقچى بولغان، كىشىلەر ئۇنىڭ تالان - تاراجغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن يەنە كۆمۈۋەتكەن، تاكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا ئۇنى قايتىدىن كولاپ چىقىرىۋالغان،1955 - يىلى بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىنىپ ساقلانغان.