UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىزېڭ بېگى يىنىڭ تىزما قوڭغۇرىقى

زېڭ بېگى يىنىڭ تىزما قوڭغۇرىقى

جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى زېڭ بېگى يىنىڭ تىزما قوڭغۇرىقى دۆلىتىمىزدە ھازىر بار بولغان ئەڭ چوڭ، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل چوڭ تىپتىكى تىزما قوڭغۇراقتۇر. ئۇ1978 - يىلى خۇبېي ئۆلكىسى سۇيشيەن ناھىيىسىدە يېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى بىر قەبرىدىن − زېڭ بېگى يىنىڭ قەبرىسىدىن چىققان. قېزىپ چىقىرىلغاندا پۈتۈن يۈرۈش تىزما قوڭغۇراق ئەسلىدىكىدەكلا تۇرغان. قوڭغۇراق دۆلىتىمىزدە شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قوڭغۇرىقى دەسلەپتە ئۈچتىن بەشكىچىلا ئىدى، جۇ سۇلالىسىگە كەلگەندە كۆپىيىپ توققۇزدىن13 كىچە بولغان، يېغىلىق دەۋرىدە تەرەققىي قىلىپ61 گە يەتكەن. كىشىلەر قوڭغۇراقنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، چىقارغان ئاھاڭى، ئاۋازىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە قاراپ گۇرۇپپىلارغا بولۇپ، تىزما قوڭغۇراق ياساپ، يېقىملىق مۇزىكىلارنى چالغان. زېڭ بېگى يىنىڭ تىزما قوڭغۇرىقىدا جەمئىي65 قوڭغۇراق بولۇپ، بۇنىڭ بىرى يېغىلىق دەۋرىدىكى چۇ خۇيۋاڭ ھەدىيە قىلغان چوڭ قوڭغۇراق. تىزما قوڭغۇراق سەككىز گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، مىس ۋە ياغاچتا ياسالغان قوڭغۇراق جازىسىغا ئۈچ قەۋەت قىلىپ ئېسىلغان. قوڭغۇراق جازىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى79 .10 مېتىر، ئېگىزلىكى73 .2 مېتىر بولۇپ، ئۇنى برونزىدىن ياسالغان قىلىچ تۇتۇۋالغان ئالتە قاراۋۇل بىلەن نەچچە يۇمىلاق تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.65 قوڭغۇراقنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى3500 كىلوگرام بولۇپ، ئېغىرلىق ۋە ھەجىم جەھەتتە تىزما قوڭغۇراقلار ئىچىدە كەم ئۇچرايدۇ. قوڭغۇراقلارنىڭ كۆپىنچىسىگە خەت ئويۇلغان، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى19 قوڭغۇراققا ئويۇلغان خەت بىرقەدەر ئاز بولۇپ، پەقەت ئاۋاز نامىلا يېزىلغان، ئوتتۇرا - تۆۋەن قەۋەتلەردىكى45 قوڭغۇراققا ئاۋاز نامىدىن باشقا يەنە خېلى ئۇزۇن كۈي تېكىستى ئويۇلۇپ، مەزكۇر قوڭغۇراق چىقارغان ئاۋاز، قاتلام ۋە ئۆزگەرگەن ئاھاڭ قاتارلىقلارنىڭ نامى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. بۇ ئويما خەتلەر كىشىلەرنىڭ قوڭغۇراق بىلەن مۇزىكا چېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. زېڭ بېگى يىنىڭ تىزما قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋاز دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بەش ئوكتاۋاسى بار، بۇ ھازىرقى پىئانىنودىن پەقەت بىرلا ئوكتاۋا كەم. قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، سۈزۈك بولۇپ، ئاساسىي تونى ھازىرقى C ماژۇر بىلەن ئوخشاش. ئارخېئولوگلار بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرى ھەمكارلىشىپ ئىزدىنىپ، بۇ قوڭغۇراقلار بىلەن جۇڭگو - چەت ئەلنىڭ داڭلىق مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. زېڭ بېگى يىنىڭ تىزما قوڭغۇرىقى دۆلىتىمىز مۇزىكا تارىخىدىكى بىر شانلىق مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، ھازىرقى كىشىلەرنىڭ قەدىمىي ئاھاڭ ۋە تىزما قوڭغۇراق ياساشنى تەتقىق قىلىشىنى قىممەتلىك ماددىي ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
زېڭ بېگى يىنىڭ تىزما قوڭغۇرىقى | UyghurWiki | UyghurWiki