ئالتۇن تاج ۋە سۇمۇرغ تاج
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
ئالتۇن تاج بىلەن سۇمۇرغ تاج1957 - يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ13 خان قەبرىسىدىكى دىڭلىڭنىڭ يەر ئاستى سارىيىنى قازغاندا بايقالغان. دىڭلىڭغا مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەنلى خانى جۇ يىجۈن بىلەن ئىككى خانىش شياۋ دۇەن ۋە شياۋ جىڭ دەپنە قىلىنغان، شۇنداقلا نەچچە مىڭ ھەمدەپنە بۇيۇمى كۆمۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىكى ئالتۇن تاج بىلەن سۇمۇرغ تاج.
ئالتۇن تاج ئەمەل تاجى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ۋەنلى خاننىڭ باش كىيىمى. جۇڭگو فېئوداللىق جەمئىيىتىدە خان ھەقىقىي ئەجدىھا تەڭرىقۇت دېيىلىدۇ، شۇڭا، خانغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىلەردە ئەجدىھانىڭ سۈرىتى بار. ئالتۇن تاج خان تاجى بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ ئەلۋەتتە ئەجدىھا كەم بولمايدۇ. تاجنىڭ ئۈستىگە مەرۋايىت ئويناۋاتقان بىر جۈپ ئەجدىھا قويۇلغان بولۇپ، ئىنتايىن جانلىق كۆرۈنىدۇ. پۈتۈن تاج ئىنچىكە ئالتۇن سىمدا توقۇپ ياسالغان، ياسىلىشى كۆركەم ۋە نەپىس.
سۇمۇرغ خانىشقا سىمۋول قىلىنغان، سۇمۇرغ تاج خانىشنىڭ مۇراسىملاردا كىيىدىغان باش كىيىمى. دىڭلىڭدىن جەمئىي تۆت دانە سۇمۇرغ تاج قېزىۋېلىنغان، تاج ئەجدىھا بىلەن سۇمۇرغدا زىننەتلەنگەن، ياقۇت ۋە مەرۋايىت قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىرى ۋەنلى خانىشى شياۋ دۇەننىڭ سۇمۇرغ تاجى بولۇپ، ئېگىزلىكى26 سانتىمېتىر، ئۇنىڭغا ئۈچ ئەجدىھا قويۇلغان، ئەجدىھانىڭ ئاغزىدا ياقۇت بار، كۆك قاناتلىق سۇمۇرغ مەرۋايىت بىلەن بېزەلگەن، تاجدا يەنە مەرۋايىت، ياقۇتلار قويۇلغان سەككىز دانە مودەن گۈل بار. ئەجدىھا، سۇمۇرغ، بۇلۇت، گۈللەر تاجدا ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، ياقۇت، يېشىل تاشلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. سۇمۇرغ تاجدا جەمئىي500 دىن ئارتۇق مەرۋايىت، چوڭ - كىچىك بولۇپ100 دىن ئارتۇق ياقۇت بار، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ياقۇتنىڭ باھاسى ئەينى زاماندا70 مىڭ كىلوگرام گۈرۈچنىڭ باھاسىغا تەڭ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇنداق بىر سۇمۇرغ تاجنى ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن ئۈچ ھۈنەرۋەن توپتوغرا بىر يىلدا ئاران ياساپ بولىدىكەن. ئالتۇن تاج بىلەن سۇمۇرغ تاج خانلىق ھوقۇققا سىمۋول قىلىنغان، ئۇ يەنە نەپىس ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىدىكى ۋايىگە يەتكەن ھۈنەر - سەنئەت سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.