شاھانە ئورۇندۇق
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
بيېجىڭ زىجىنچىڭدىكى تەيخې قەسرى ئادەتتە ئوردا قوبۇلخانىسى دېيىلىدۇ، ئۇ خاننىڭ ۋەزىرلەرنى قوبۇل قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇن. خان تەختى دەل تەيخې قەسرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا.
خان تەختى ئالتۇندا سىرلانغان ئەجدىھا نەقىشلىك ئورۇندۇق دېيىلىدۇ، ئۇ يۈكسەك فېئوداللىق خانلىق ھوقۇقنىڭ سىمۋولى، ئۇنىڭ شەكلى ئادەتتىكى ئورۇندۇقلارغا ئوخشىمايدۇ: ياي شەكىللىك يۆلەنچۈكى بار، تۇتقۇچنى تىرەپ تۇرىدىغان تۆت تۈۋرۈككە ئالتۇن رەڭلىك، چاقناپ تۇرغان ئەجدىھا يۆگىشىپ تۇرغان. ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا پۇت ئىشلىتىلمەي، كەڭلىكى5 .2 مېتىر، ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن ئارتۇق تەگلىك ئىشلىتىلگەن. ئورۇندۇققا پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن بولۇپ، ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك كۆرۈنىدۇ. گۇگۇڭ مۇزېيىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بۇ شاھانە ئورۇندۇق مىڭ سۇلالىسىدە ياسالغان، بەلكىم پادىشاھ جياجىڭ خان قەسرىنى قايتىدىن سالدۇرغان چاغدىكى تەۋەررۈك بولۇشى مۇمكىن.
خانلىق سەلتەنەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان بۇ شاھانە ئورۇندۇقنىڭ يەنە ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى بار.1915 - يىلى يۈەن شىكەي ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋالغاندا، تەيخې قەسرىگە تىزىلغان نۇرغۇن نەرسىلەر بۇزۇۋېتىلگەن، شاھانە ئورۇندۇقمۇ شۇنىڭ بىلەن غايىب بولغان. ئۇ ۋاقىتتا يۈەن شىكەي يۆلەنچۈكى ئىنتايىن ئېگىز، ئولتۇرىدىغان يېرى بىرقەدەر پاكار ياۋروپاچە ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان، بۇ ئورۇندۇق قەسىرگە زادىلا ماسلاشمىغان بولۇپ، ياۋروپاچىمۇ ئەمەس، يا جۇڭگوچىمۇ ئەمەس ئىدى. يۈەن شىكەي83 كۈن تەختتە ئولتۇرۇپلا جان ئۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، لېكىن يۈەن شىكەينىڭ ئورۇندۇقى1947 - يىلىغا بارغاندىلا ئاندىن ئېلىۋېتىلگەن. ئوردىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قايتىدىن شاھانە ئورۇندۇق قويۇش قارار قىلىنغان، لېكىن چىڭ سۇلالىسىدە ياسالغان شاھانە ئورۇندۇقنىڭ ئۆلچىمى بەك كىچىك بولۇپ، تەيخې قەسرىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىگە ماس كەلمىگەن.1959 - يىلى گۇگۇڭ مۇزېيىنىڭ مۇتەخەسسىسى جۇ جياجىن گۇاڭشۈنىڭ26 - يىلى تارتىلغان بىر پارچە كونا رەسىمدىن ئىلگىرى تەيخې قەسرىگە قويۇلغان نەرسىلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن، ئۇ رەسىمدىكى شاھانە ئورۇندۇقنىڭ شەكلىگە ئاساسەن ھەر تەرەپتىن ئىزدەپ، ئاخىر كونا ئۆي جاھازلىرى قويۇلغان بىر ئامباردىن مىڭ سۇلالىسىدە ياسالغان بۇ شاھانە ئورۇندۇقنى بايقىغان. شاھانە ئورۇندۇق ئۇزاق مۇددەت ئادەتتىكى ئۆي جاھازلىرى قاتارىدا قارىلىپ قالايمىقان تاشلىنىپ تۇرغاچقا، بەكلا بۇزۇلۇپ كەتكەن. كېيىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن چېۋەر ئۇستىلار تەكلىپ قىلىنىپ،934 ئىش كۈنى سەرپ قىلىش ئارقىلىق قايتىدىن رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.