تۇەنچېڭ قاشتېشى كۈپى
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
دۆلىتىمىزدە ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ، ئەڭ قەدىمىي قاشتېشى بۇيۇم بېيجىڭ تۇەنچېڭدىكى قاشتېشى كۈپى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «تۇەنچېڭ قاشتېشى كۈپى» دەپ ئاتايدۇ.
قاشتېشى كۈپى پۈتۈنلەي قاشتېشىدىن ئويۇپ چىقىرىلغان، قاشتاش بوز رەڭلىك بولۇپ، ئازراق قارا رەڭ ئارىلاشقان. كۈپنىڭ ئېگىزلىكى70 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى182 سانتىمېتىر، كەڭلىكى135 سانتىمېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى493 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن3500 كىلوگرام. كۈپنىڭ شەكلى ئاددىي، ئاغزى ئېللىپس شەكىللىك، ئەتراپىغا چىرايلىق رەسىملەر ئويۇلغان بولۇپ، سەقەنقۇر، يىڭنىبېلىق، دېلفىن، مۈڭگۈز تۇمشۇق قاتارلىقلار جىددىي ئېقىن ۋە قايناملاردا موللاق ئېتىپ سەكرەۋاتقاندەك، بىردەم كۆرۈنۈپ، بىردەم غايىب بولغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ سۈرەتلەر قاشتاشنىڭ سۈپىتى، سىزىقلىرىغا ئاساسەن ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھىلىنىپ ئويۇلغان بولۇپ، پۈتۈن كۈپنى جانلىق، ئېسىل قىلىپ كۆرسەتكەن.
قاشتېشى كۈپى يەنە دۇشەن قاشتېشى ئىدىشى، قارا قاشتېشى شاراب كۈپى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يۈەن شىزۇ قۇبلاي ۋەزىرلەرگە زىياپەت بەرگەندە ھاراق قاچىلايدىغان كۈپ بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭغا30 دەن (60 كىلوگرام بىر دەنگە تەڭ) ھاراق قاچىلىغىلى بولىدىكەن. قاشتېشى كۈپى دەسلەپتە گۇاڭخەن قەسرىگە قويۇلغان، كېيىن خان ئوردىسى (زىجىنچېڭ) سىرتىدىكى جېنۋۇ ئىبادەتخانىسىغا قويۇلغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىبادەتخانىدىكى دەرۋىشلەر ئۇنىڭدا كۆكتات چىلىغان. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ10 - يىلى (1745 - يىلى) چيەنلۇڭ خان بۇ كۈپنىڭ بارلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن ئادەم ئەۋەتىپ1000 سەر ئالتۇنغا تېگىشىپ، تۇەنچېڭدىكى چېڭگۇاڭ قەسرىگە قويدۇرغان، كېيىن بۇ كۈپنى قويۇش ئۈچۈن مەخسۇس قاشتېشى كۈپى شىپاڭى سالدۇرغان ھەمدە ئاق مەرمەردە تەگلىك ياساتقان. چيەنلۇڭ يەنە40 ئوردا ئۆلىماسىغا بۇ كۈپقا ئاتاپ بىر كۇپلېتتىن شېئىر توقۇشقا بۇيرۇغان ھەمدە ئۇنى شىپاڭ تۈۋرۈكىگە ئويدۇرغان، ئۆزى يەتتە خەتلىك شېئىردىن ئۈچ كۇپلېت يېزىپ كۈپنىڭ ئىچىگە ئويدۇرغان. قاشتېشى كۈپى دۆلىتىمىز قاشتاش ئويمىچىلىق سەنئەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان بىر قاشتاش بۇيۇم، شۇنداقلا قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى.