ھايۋانات ئويۇلغان ياغاچ توسۇق
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
جۇڭگو دۇنياغا مەشھۇر سىر ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت، شۇنداقلا ئەڭ بالدۇر سىرلىق بۇيۇم ياسىغان دۆلەت. يېغىلىق دەۋرىدە سىرلانغان بۇيۇملارنىڭ مەيلى سۈپىتى ياكى سانى جەھەتتە بولسۇن، ئالدىنقى دەۋرلەردىن ئېشىپ كەتكەن.1965 - يىلى خۇبېي ئۆلكىسى جياڭلىڭ1 - نومۇرلۇق قەبرىدىن رەڭلىك سىرلانغان ھايۋانات ئويۇلغان ياغاچ توسۇق قېزىۋېلىنغان، ئۇ شۇ دەۋردە ئىشلەنگەن سىرلانغان بۇيۇمنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
توسۇق تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئېگىزلىكى15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى8 .51 سانتىمېتىر، تېگى قارا سىردا سىرلانغان ھەمدە ئاچ قىزىل، ئالتۇن رەڭ، كۈمۈش رەڭ، يېشىل، سېرىق قاتارلىق رەڭلىك سىرلاردا رەسىم سىزىلغان، رەڭلىرى چاقناق. توسۇقنىڭ تەشمە نەقىش تېخنىكىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بۇغا، بۈركۈت، سۇمۇرغ، يىلان، بوغما يىلان، پاقا، توز قاتارلىق51 خىل ھايۋانات ئويۇلغان. سۈرەتتىكى چوڭ - كىچىك ھايۋانلار خۇددى ئېلىشىۋاتقاندەك ياكى ئوينىشىۋاتقاندەك بولۇپ، جانلىق ھەم قىزىقارلىق. توسۇقنىڭ رامكىسىغا سۇمۇرغ سۈرىتى قاتارلىقلار ئويۇلغان، ئالتۇن، كۈمۈش رەڭ ۋە قىزىل رەڭدە سىرلانغان، ئۇنى ئېسىل سەنئەت ئەسىرى دېيىشكە بولىدۇ.