UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىئەسكەر - ئات ھەيكەللەر

ئەسكەر - ئات ھەيكەللەر

جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى چىن شىخۇاڭ قەبرىسىدىكى ئەسكەر - ئات ھەيكەللەر دۇنيادىكى سەككىزىنچى مۆجىزە دەپ ئاتالغان. ئۇ1974 - يىلى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ لىنتۇڭ ناھىيىسىدىكى چىن شىخۇاڭ قەبرىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدىن بايقالغان. ئۇ يەردىن ساپالدىن ياسالغان800 دىن ئارتۇق ياساۋۇل، ياغاچتىن ياسالغان18 جەڭ ھارۋىسى، ساپالدىن ياسالغان100 دىن ئارتۇق جەڭ ئېتى قېزىپ چىقىلدى. بۇ ئەسكەر - ئات ھەيكەللەر ناھايىتى ھەيۋەتلىك، رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، چىن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ سەپ تۈزۈلۈشى، قورال - ياراغ ئەھۋالى، شۇنىڭدەك قەدىمكى دەۋر ئۇرۇشلىرىدىكى سەپ شەكلى نامايان قىلىنغان.1 - نومۇرلۇق ئازگالغا ھارۋا، پىيادە ئەسكەر قويۇلغان، پىيادە ئەسكەر ئاساس قىلىنغان.2 - نومۇرلۇق ئازگالغا ئاساسلىق ھارۋىلىق ئەسكەرلەر قويۇلغان، ئاتلىق ئەسكەر، پىيادە ئەسكەرلەرمۇ بار بولۇپ، ھارۋىلىق، ئاتلىق ۋە پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ بىرلەشمە سېپى شەكىللەندۈرۈلگەن.3 - نومۇرلۇق ئازگالدىن سىرلانغان، رەڭدار نەقىشلەنگەن ھارۋا كۈنلۈكى بار جەڭ ھارۋىسىدىن بىرى قېزىپ چىقىرىلدى، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى بار. ئەسكەر - ئات ھەيكەللەر كىشىلەرگە2000 يىل ئىلگىرىكى ھەيۋەتلىك ھەربىي كۆرۈنۈش، قوشۇنلارنىڭ جايلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نامايان قىلىدۇ. ساپال ئاتنىڭ ئېگىزلىكى5 .1 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر كېلىدۇ، بەدەن شەكلى كۆركەم ھەم ساغلام، مۇسكۇللىرى تولغان، سەگەك، چاققان كۆرۈنىدۇ. ھەربىر ئات گويا جەڭ مەيدانىدا چېپىپ كېتىۋاتقان ئارغىماقلارغا ئوخشايدۇ. ساپال ھەيكەللەرنىڭ ئېگىزلىكى75 .1 مېتىردىن95 .1 مېتىرغىچە كېلىدۇ، كۆپىنچە چىن سۇلالىسى سەركەردە - لەشكەرلىرىنىڭ ئوبرازى بويىچە ياسالغان، بەدىنى بەستلىك، تەقى - تۇرقى كېلىشكەن. ساپال ھەيكەللەر يەنە ئەسكەر تۈرلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ پىيادە ئەسكەرلەر ھەيكىلى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ھەيكىلى، ھارۋىلىق ئەسكەرلەر، ئوقياچىلار، سانغۇنلارنىڭ ھەيكىلى قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەممىسى شەرققە قارىتىپ تىزىلغان. پىيادە ئەسكەر ھەيكەللىرى ئۇچىسىغا جەڭ كىيىمى كىيىپ، ئوقيا ئېسىۋالغان؛ ئاتلىق ئەسكەر ھەيكەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىر قولىدا چۇلۋۇر تۇتقان، بىر قولىدا ئوقيا تۇتقان، ئۇچىسىغا قىسقا ساۋۇت، تار ئىشتان كىيگەن، پۇتىغا ئۇزۇن قونچلۇق ئۆتۈك (لاتىدىن تىكىلگەن ئۆتۈكسىمان ئاياغ) كىيگەن، ھەر ۋاقىت ئاتقا مىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان ھالەتتە تۇرغان. ھارۋىلىق ئەسكەر ھەيكەللەر ئۇلاغچى ئەسكەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەرلەردىن تەركىب تاپقان، ئۇلاغچىلار ئوتتۇرىدا تۇرۇپ جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىسە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەرلەر جەڭ ھارۋىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بۆلۈنۈپ ئۇلاغچىلارنى قوغدىغان. ئوقياچىلار يانى كېرىپ ئوقنى بەتلەپ ئالدىغا تىكىلىپ قارىغان، بەزىلەر ئۆرە تۇرۇپ بەتلىسە، بەزىلىرى تىزلىنىپ تۇرۇپ بەتلىگەن؛ سانغۇن ھەيكەللەر ئۆزىنى ئەركىن تۇتقان قىياپەتتە بولۇپ، ھالقىلىق پەيتتە ھودۇقماسلىقتەك سانغۇنلۇق سالاپىتىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ساپال ھەيكەللەرنىڭ كىيىم - كېچىكى، روھىي ھالىتى ئەسكەر تۈرىنىڭ، ياش قۇرامىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ ھەرقايسىسى بىر - بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، ئەمما ھەربىرى ناھايىتى جانلىق، خۇددى تىرىكتەك كۆرۈنىدۇ. ئەسكەر - ئات ھەيكەللەرنىڭ قېزىلىشى، ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرلىرىنى بولۇپمۇ چىن سۇلالىسىنىڭ ھەربىي ئىشلار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ئەمەلىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ھەيكەلتىراشلىق تارىخىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئېچىپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
ئەسكەر - ئات ھەيكەللەر | UyghurWiki | UyghurWiki