ئەسكەر يۆتكەش يارلىقى
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
ئەسكەر يۆتكەش يارلىقى دېگىنىمىز، قەدىمكى زاماندىكى پادىشاھلارنىڭ سەركەردە ۋە ۋەزىرلەرگە ھەربىي ھوقۇق ۋە ئەسكەر يۆتكەش ھوقۇقىنى بېرىشتىكى گۇۋاھلىقى ھېسابلىنىدۇ. تارىختا «يارلىقنى ئوغرىلاپ جاۋ بەگلىكىنى قۇتقۇزۇش» دېگەن ھېكايە بار.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، يېغىلىق دەۋرىدە چىن بەگلىكى زور قوشۇن بىلەن جاۋ بەگلىكىنى قورشىۋالغاندا، جاۋ بەگلىكى ۋېي بەگلىكىدىن ياردەم سورىدى، ئەمما ۋېي بېگى ئەسكەر چىقىرىپ ياردەم بېرىشنى كېچىكتۈردى. ۋېي بېگىنىڭ ئىنىسى شىن لىڭجۈن جاۋ بەگلىكىنىڭ قىزى، ۋېي بېگىنىڭ ئەتىۋارلىق توقىلى رۇ خېنىم ئارقىلىق ئەسكەر چىقىرىش يارلىقىنى ئوغرىلاپ چىقتى. شىن لىڭجۈن يارلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئادەم ئەۋەتىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەي تۇرۇۋالغان ۋېي بېگىنىڭ سەركەردىسى جىن بىنى ئۆلتۈردى ۋە ھەربىي ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ، چىن قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، جاۋ بەگلىكىنى قورشاۋدىن قۇتۇلدۇردى.
ئەسكەر يۆتكەش يارلىقى كۆپىنچە تۇچتىن ياسالغان بولۇپ، ئادەتتە يولۋاس شەكلىدە قۇيۇلۇپ، دۈمبە تەرىپىگە پۈتۈك ئويۇلغان، ئوڭ - سول يېرىم ئىككى پارچىغا بۆلۈنگەن ئوڭ يېرىم قىسمى پادىشاھتا ياكى ئوردىدا قالدۇرۇلۇپ، سول يېرىم قىسمى ھەربىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن سەركەردە ياكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا تۇرغان. ئۇرۇش بولۇپ قېلىپ ئەسكەر يۆتكەشكە توغرا كەلسە، پادىشاھ قوشۇن ئىچىگە ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ئەلچى قولىغا ئوڭ يېرىم ئەسكەر يۆتكەش يارلىقىنى ئېلىپ سەركەردىنىڭ قولىدىكى سول يېرىم ئەسكەر يۆتكەش يارلىقىغا ئۇدۇللاپ دەلىللەيدۇ، ئەگەر ئۇ ئىككىسى جىپسىلىشىپ مۇكەممەل بىر پۈتۈن ئەسكەر يۆتكەش يارلىقى بولالىسا، بۇ ئەلچىنىڭ ھەقىقەتەن پادىشاھ ئەۋەتكەن ئەلچى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەركەردە شۇ ئەلچى يەتكۈزۈپ كەلگەن بۇيرۇققا بىنائەن قوشۇن يۆتكەيدۇ.
ئەسكەر يۆتكەش يارلىقى يېغىلىق دەۋرى، چىن، خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە يولغا قويۇلۇپ، كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.