ئالتە تۇلپار
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
جاۋلىڭ - تاڭ تەيزۇڭ لى شىمىننىڭ قەبرىسى بولۇپ، شەنشى ئۆلكىسى لىچۈەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى جيۇشا تېغىغا جايلاشقان. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە مەشھۇر «جاۋلىڭدىكى ئالتە تۇلپار» قاپارتما نەقىش رەسىم ئەسلىدە قەبرىنىڭ شىمالىغا قويۇلغان.
لى شىمىن جەڭگاھتا ئالتە جەڭ ئېتى مىنگەن، بۇ ئاتلارنىڭ ئىسمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سالۇزى، چۈەنماۋگۇا، بەيتىۋۇ، تېلېبياۋ، چىڭيا، شېنفاچىلاردىن ئىبارەت. لى شىمىن ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا زور كۈچ چىقارغان بۇ جەڭ ئاتلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئالايىتەن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئالتە جەڭ ئېتىنىڭ قاپارتما نەقىش رەسىمىنى ياساتقان، بۇ كېيىن «جاۋلىڭدىكى ئالتە تۇلپار» دەپ ئاتالغان. ھەيكەلنىڭ لايىھىلىگۈچىسى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق رەسسام يەن لىبېن بولۇپ، ئۇ بۇ جەڭ ئاتلىرىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى قىياپىتى، مىجەز ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئالتە دانە ئېگىزلىكى5 .2 مېتىر، كەڭلىكى ئۈچ مېتىرلىق تاش تاختىغا ئايرىم - ئايرىم بۇ تۇلپارلارنىڭ سۈرىتىنى ئويۇپ چىققان. بۇ ئاتلار خۇددى راست ئاتلاردەكلا ئوخشىتىپ ئويۇلغان. بەزىلىرى ئالدى پۇتىنى كۆتۈرۈپ دۈشمەن سېپىگە ئېتىلغاندەك كۆرۈنسە، يەنە بەزىلىرىگە دۈشمەن ئوقى تەگكەن بولسىمۇ، يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ... ئالتە تۇلپار لى شىمىننىڭ بۈيۈك تۆھپىلىرىنى قايتىدىن نامايان قىلغان، ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخىي ئابىدىسى، شۇنداقلا جۇڭگو ئويمىچىلىق سەنئىتىدە كەم ئۇچرايدىغان ئېسىل بۇيۇم.1914
- يىلى «ئالتە تۇلپار» ئىچىدىكى سالۇزى بىلەن چۈەنماۋگۇادىن ئىبارەت ئىككى تاش ئويمىنى بىر ئامـېرىـكىلـىق ئـوغرىـلاپ كـەتكەن، ھازىر ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيىدا ساقلانماقتا.1918 - يىلى قالغان تۆت ئاتنى ئوغرىلىماقچى بولغاندا يەرلىك خەلق ۋاقتىدا بايقاپ قېلىپ، مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. لېكىن بەيتىۋۇ، شېنفاچى، چىڭيا، تېلېبياۋ قاتارلىقلار كۆپ قېتىم تالاپەتكە ئۇچراپ، تېنىدە يېرىقلار پەيدا بولغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، يەنە سالۇزى، چۈەنماۋگۇانىڭ تاش ئويما رەسىمى قايتىدىن تەقلىد قىلىپ ئىشلىنىپ، شەنشى مۇزېيىدا ساقلانماقتا.