ياغاچ بۇت
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
«مەيدالا» بۇتى بېيجىڭ يۇڭخې سارىيىدىكى ئۈچ ئېسىل بۇيۇمنىڭ بىرى، شۇنداقلا ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان داڭلىق بۇت. «مەيدالا» موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، مەنىسى «مايترى بۇددا» بىلەن ئوخشاش.
بۇتنىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكى26 مېتىر، يەر ئۈستىدىكى ئېگىزلىكى18 مېتىر، يەنە سەككىز مېتىرى يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن بولۇپ، ئۇ پۈتۈن بىر سەندەل ياغىچىدىن ئويۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى بىرى بۇ بۇتقا بىر قۇر سېرىق يەكتەك ئاتا قىلماقچى بولۇپ، جەمئىي1100 چىدىن ئارتۇق تاۋار ئىشلەتكەن. بۇت تېنىگە ئالتۇن ياپراقچىلار چاپلانغان، سانسىزلىغان ئۈنچە - مەرۋايىتلار قويۇلغان. بۇت بېشىغا بەش ياپراقلىق راھىب قالپىقى كىيدۈزۈلگەن، بوينىغا تەسۋى ئېسىپ قويۇلغان، تەسۋى مەيدىسىدىن قورسىقىغىچە ساڭگىلىغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى نەچچە جاڭ كېلىدۇ، تەسۋى ياقۇتتىن ياسالغان. بەلۋىغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر قۇر مارجان ئېسىلغان، ئوڭ - سول تەرىپىگە بىردىن مارجان سېۋەت ئېسىلغان، سول مۈرىسىگە بىر تال خاداك ئارتىلغان.1703
- يىلى چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى يۇڭخې سارىيىنىڭ ئارقىسىغا بىر ئېگىز راۋاق سېلىپ شىمال تەرەپنى توسماقچى بولغان، لېكىن خېلىغىچە غايەت زور بۇت تاپالمىغان. بۇ ئىش شىزاڭدىكى7 - ئەۋلاد دالاي لامانىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ خاننىڭ شىزاڭنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ھوقۇقىنى ئۆزىگە بەرگەنلىكىگە بولغان ھىممىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئادەم ئەۋەتىپ ھەر تەرەپتىن چوڭ بۇت ئىزدىگەن، ئۇ گۇرخا (ھازىرقى نېپال) پادىشاھىنىڭ ھىندىستاندىن بىر تۈپ ئالاھىدە چوڭ سەندەل ياغىچىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ، نۇرغۇنلىغان ئۈنچە - مەرۋايىتقا بۇ ياغاچنى تېگىشىپ، ئۇنى خانغا قىلىنغان ھەدىيە قاتارىدا ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ شىزاڭدىن بېيجىڭغا توشۇپ ئاپارغان. ھۈنەرۋەنلەر يۇڭخې سارىيىنىڭ ئارقىسىدا بۇ ياغاچنى كۆڭۈل قويۇپ ئويۇپ، بۇت قىلىپ ياساپ چىققان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇنىڭغا جەمئىي80 مىڭ سەر كۈمۈش سەرپ قىلىنغان. بۇ بۇت ھەددىدىن زىيادە ئېگىز بولغاچقا، ئاۋۋال ساراي ئۇلى بىلەن بۇت تەگلىكى سېلىنىپ، ئاندىن بۇت تىكلىنىپ بولغاندىن كېيىن يۇڭخې سارىيىدىكى ئەڭ ئېگىز بولغان ۋەنفۇ راۋىقى سېلىنغان. شۇڭا بېيجىڭدا «ئاۋۋال بۇت، ئاندىن ساراي» دېگەن سۆز ئېقىپ يۈرمەكتە.