UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىئالتۇن ۋە كۈمۈش سىملىق قاشتېشى كىيىم

ئالتۇن ۋە كۈمۈش سىملىق قاشتېشى كىيىم

جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاشتېشى كىيىم قاشتېشى قەپىسى، قاشتېشى قۇتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قەدىمكى زاماندا خان ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئۆلگەندىن كېيىن كىيىدىغان كىيىملەر بولۇپ، ئالتۇن سىملىق، كۈمۈش سىملىق ۋە مىس سىملىق دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، پەقەت خان ئۆلگەندىلا ئالتۇن سىملىق قاشتېشى كىيىم كىيىدۇ؛ ھەرقايسى بەگ - غوجىلار، نام بېرىلگەن خانىش - مەلىكىلەر ئۆلگەندىن كېيىن كۈمۈش سىملىق قاشتېشى كىيىم كىيىدۇ؛ باشقا خانىش - مەلىكىلەر ئۆلگەندىن كېيىن مىس سىملىق قاشتېشى كىيىم كىيىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، شۇنداقلا بۇ كىيىمنى خاننىڭ ئىنئامى بىلەنلا ئاندىن كىيگىلى بولىدۇ. دۆلىتىمىزدە ئالتۇن سىملىق قاشتاش كىيىمدىن جەمئىي توققۇزى تېپىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ئۇزاق ۋاقىت ساقلانغىنى1968 - يىلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مەنچېڭ ناھىيىسىدىكى خەن سۇلالىسىگە تەۋە قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان ئىككى قۇر كىيىمدۇر. بۇ ئىككى قۇر قاشتېشى كىيىمنىڭ ئىگىلىرى غەربىي خەن سۇلالىسىدىكى جۇڭسەن شاھزادىسى ليۇ شېڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى دۇ ۋەن. قاشتېشى كىيىمنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئادەمنىڭ قىياپىتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، باشلىق، چاپان، ئىشتان، پەلەي ۋە ئاياغدىن ئىبارەت بەش چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەن. ليۇ شېڭنىڭ قاشتېشى كىيىمى بىرقەدەر چوڭ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى88 .1 مېتىر،2498 پارچە قاشتېشى پارچىسىدىن ياسالغان، ئالتۇن سىمنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن1100 گرام؛ دۇ ۋەننىڭ قاشتېشى كىيىمى نىسبەتەن كىچىك بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى72 .1 مېتىر،2160 پارچە قاشتېشى پارچىسىدىن ياسالغان، ئالتۇن سىمنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن700 گرام. كۈمۈش سىملىق قاشتېشى كىيىمدىن دۆلىتىمىزدە پەقەت بىر قۇرلا تېپىلغان، ئۇ1970 - يىلى شۈيجۇ شەھىرىدىكى شەرقىي خەن سۇلالىسىدىكى پېڭچېڭ بېگى ليۇ گۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قەبرىسىدىن قېزىۋېلىنغان. قاشتېشى كىيىمنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى70 .1 مېتىر، ئىشلىتىلگەن قاشتېشى2600 پارچە، كۈمۈش سىمنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن800 گرام، ئۇنىڭ شەكلى ئالتۇن سىملىق قاشتېشى كىيىمگە ئوخشايدۇ، ھازىر نەنجىڭ مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
ئالتۇن ۋە كۈمۈش سىملىق قاشتېشى كىيىم | UyghurWiki | UyghurWiki